× تىل أوروبا الروسية البيلاروسية الأوكرانية البولندية الصربية البلغارية السلوفاكية التشيكية روماني مولدوفا أذربيجان الأرميني الجورجية ألباني أفار بشكير التتار الشيشان سلوفينيان الكرواتية الإستونية لاتفيا اللتوانية المجرية الفنلندية النرويجية سويديش الأيسلاندية اليونانية المقدونية الألمانية بافاريا هولندي دانماركي الويلزية الغيلية ايرلندية فرينش باسكو الكاتالونية الإيطالية غالاسيان روماني Bosnian Kabardian شمال امريكا إنجليش جنوب امريكا الإسبانية البرتغالية غواراني كيشوان ايمارا أمريكا الوسطى الجامايكي ناهواتل كيش كقشي هيتيان شرق اسيا شينيز اليابانية الكورية المنغولية الأويغور همونغ Tibetian جنوب شرق آسيا الماليزية البورمية هاكا تشين نيبالي سيبيونو تاغالوغ كمبودي تاي إندونيسيان السوندانيز الفيتنامية الجاوية لاو ئىبان ئى مىئېن كاچىن لاخۇ Aceh Balinese Bugis Pampanga Sasak Shan Waray Madurese جنوب آسيا هيندي أوديا العوضي ميزو الكانادا المالايالامية ماراثي الغوجاراتية التاميلية التيلجو البنجابية كوروخ الأسامية المايثيلي البنغالية أوردو السنهالية دوجري هاريانفي ميتي الكونكانية السنتالية السندية كويا تادو سانسكرىت دېۋانگارى Adilabad Gondi Ahirani بالوتشي Bundeli Chhattisgarhi Garhwali Kangri Kumaoni Mewari Munda Sadri Seraiki Shekhawati Sylheti Bagri Bhilali Bodo Braj Tulu آسيا الوسطى قيرغيزستان أوزبكي طاجيك التركمان كازاخستان قاراقالپاك الشرق الأوسط التركية العبرية أرابيك الفارسية الكردية Mazanderani الباشتو القبطية أفريقيا أفريكانز شوسا زولو نديبيل سوثو الأمهرية ووليتا النيجر موسي إيكا دينكا كابيل إيوي سواهيلي المغرب سوماليان شونا مدغشقر الإيغبو اللينغالا باول سيسواتي تسونجا التسوانا غامبيان اليوروبا كامبا كينيارواندا الهوسا شيوا لوه ماكوا ديولا فولفولدي كالينجين كيكويو كيكوانجو كيروندي كريو النيجيري بيدجين أورومو تشيلوبا تشيفيندا توي أومبوندو لۇگبارا لۇگۇ تۈۋرۈك گۇسسى مائاساي تۇركانا موبا نوئېر شىللۇك تاماشىك ماكوندو Bemba Fon Hadiyya Ibibio Kimbundu Kimiiru Lango Liberian Kreyol Lomwe Mende Morisyen Ndau Nyankole Sena Sidamo Soga Songe Sukuma Tarifit Teso Tiv Zande Dagbani Edo Kituba قارة استراليا نيوزيلاند بابوا غينيا الجديدة اللغات القديمة أراميك اللاتينية اسبرانتو 1 1 1 عربى السيريليةلاتينيعربى1 1 1 سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم ئالەمنىڭ يارىتىلىشىمىسىردىن چىقىشلاۋىيلارچۆلدەقانۇننىڭ تەكرارىيوشۇۋاسەردارلاررۇتسامۇئىل بىرىنچى قىسىمسامۇئىل ئىككىنچى قىسىمبىرىنچى قىسىمئىككىنچى قىسىمتارىخلارئىككىنچى قىسىمئەزرانەخەمىيائەستىرئايۇپزەبۇرپەند-نەسىھەتلەرھېكمەتلەرنەزمىلەر شاھىيەشايايەرەمىيارثاءحزقيالدانىيالھوشىيايوئېلئاموسئوبادىيايۇنۇسمىكاھناھۇمخاباقۇقزىفانىياھاگايزىكىرىيامالاكى--- --- ---مەتتاماركۇسلۇقا يۇھاننائەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىرىملىقلارغا يېزىلغان خەتكورىنتلىقلارغا 1-خەتكورىنتلىقلارغا 2-خەتگالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەتئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەتفىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەتكولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەتسالونىكالىقلارغا 1-خەتسالونىكالىقلارغا 2-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 1-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 2-خەتتىتۇسقا يېزىلغان خەتفىلىمۇنغا يېزىلغان خەتئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتياقۇپ يازغان خەتپېترۇس يازغان 1-خەتپېترۇس يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 1-خەتيۇھاننا يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 3-خەتيەھۇدا يازغان خەتۋەھىيلەر1 1 1 ١٨ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠٢١٢٢٢٣٢٤1 1 1 : ١ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠٢١٢٢٢٣٢٤٢٥٢٦٢٧٢٨٢٩٣٠٣١٣٢٣٣1 1 1 Uyghur Arabic Bible سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم ١٨ خاتىرىلەرنى ساقلاش ١ [1]داۋۇت ئادەملىرىنى يىغىپ، مىڭ بېشى ۋە يۈز باشلىرىنى تەيىنلىدى.٢ [2]ئۇ ئادەملىرىنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ قولىغا، ئۈچتىن بىرىنى يوئابنىڭ ئاكىسى، يەنى مەزلۇمە زىرۇيانىڭ ئوغلى ئابىشاينىڭ قولىغا، قالغان ئۈچتىن بىرىنى گاتلىق ئىتتاينىڭ قولىغا تاپشۇردى. داۋۇت ئۇلارغا: _ مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە جەڭگە چىقىمەن، _ دېدى.٣ [3]ئادەملىرى ئۇنىڭغا: _ ئۆزلىرى جەڭگە چىقسىلا بولمايدۇ. ئەگەر بىز جەڭدە چېكىنمەكچى بولۇپ قالساق، دۈشمەنلىرىمىز بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ، ھەتتا يېرىمىمىز قىرىلىپ كەتسەكمۇ ئۇلارغا بەرىبىر. ئۆزلىرىنىڭ جېنى بىزدەك تۈمەن ئادەمنىڭ جېنىدىن قىممەتلىكتۇر. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۆزلىرى شەھەردە قېلىپ، بىزگە ياردەمچى ئەۋەتىپ تۇرغايلا، _ دېيىشتى.٤ [4]پادىشاھ داۋۇت ئۇلارغا: _ سىلەرچە قانداق قىلسام ياخشى بولسا، شۇنداق قىلاي! _ دېدى. لەشكەرلەر شەھەردىن يۈزلەپ، مىڭلاپ چىقىشقا باشلىغاندا، پادىشاھ داۋۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى.٥ [5]ئۇ يوئاب، ئابىشاي ۋە ئىتتايغا: _ مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى. پادىشاھنىڭ ئابسالوم توغرۇلۇق سەركەردىلەرگە بۇيرۇغان گېپىنى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاڭلىدى.٦ [6]شۇنىڭ بىلەن داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن دالاغا چىقتى. جەڭ ئەفرايىم ئورمانلىقىدا بولدى.٧ [7]داۋۇتنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى مەغلۇپ قىلدى. بۇ كۈنى ناھايىتى كۆپ ئادەم ئۆلدى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭ ئىدى.٨ [8]جەڭ پۈتۈن ئەتراپقا يېيىلدى. شۇ كۈنى ئورماندىكى پالاكەتلەر سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەڭدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئىدى.٩ [9]ئابسالوم داۋۇتنىڭ ئادەملىرىگە دۇچ كېلىپ قالدى. ئۇ چاغدا ئابسالوم قېچىرغا مىنىپ قېچىپ كېتىۋاتاتتى. قېچىر شاخلىرى ناھايىتى قويۇق ئۆسكەن چوڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ ئاستىدىن ئۆتكەندە، ئابسالومنىڭ بېشى دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالدى. قېچىر چاپقان پېتى كېتىۋەردى، ئابسالوم بولسا دەرەخكە ئېسىلىپ قالدى.١٠ [10]داۋۇتنىڭ ئادەملىرىدىن بىرى ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، بېرىپ يوئابقا: _ مەن ئابسالومنىڭ بىر پىستە دەرىخىنىڭ شاخلىرىغا ئېسىلىپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، _ دېدى.١١ [11]يوئاب خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە: _ ئۇنى كۆرگەن بولساڭ، نېمىشقا ئۇنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىدىڭ؟ ساڭا ئون كۈمۈش تەڭگە بىلەن بىر كەمەر ئىنئام قىلغان بولاتتىم، _ دېدى.١٢ [12]ھېلىقى ئادەم يوئابقا مۇنداق دېدى: _ ماڭا ھەتتا مىڭ كۈمۈش تەڭگە بەرسىلىمۇ، پادىشاھنىڭ ئوغلىغا قارشى قولۇمنى كۆتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز ھەممىمىز پادىشاھنىڭ ئابىشاي، ئىتتاي ۋە سىلىگە: «مېنىڭ ھۆرمىتىم ئۈچۈن ياش يىگىت ئابسالومغا ياخشى مۇئامىلە قىلىڭلار» دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىغانمىز.١٣ [13]ئەگەر پادىشاھقا خىيانەت قىلىپ، ئوغلىنى ئۆلتۈرسەم، پادىشاھ چوقۇم كىمنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى تاپىدۇ. ئۇ چاغدا سىلىمۇ ئۆزلىرىنى مەندىن چەتكە ئالىدىلا.١٤ [14]يوئاب جاۋابەن: _ سەن بىلەن بۇ يەردە ۋاقتىمنى ئۆتكۈزمەي، _ دېدى ۋە قولىغا ئۈچ دانە نەيزە ئېلىپ، ئۇ يەرگە باردى. ئابسالوم پىستە دەرىخىدە ئېسىقلىق بولۇپ، ئۇ تېخىچە ھايات ئىدى. يوئاب ئۇنىڭ مەيدىسىگە نەيزىلەرنى تىقتى.١٥ [15]ئاندىن يوئابنىڭ ئون نەپەر قورال-ياراغ كۆتۈرگۈچىسى ئابسالومنى ئارىغا ئېلىپ، ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.١٦ [16]يوئاب جەڭنى توختىتىش ئۈچۈن بۇرغا چالدۇردى. ئۇنىڭ ئادەملىرى ئابسالومنىڭ ئادەملىرىنى قوغلاشتىن توختاپ، ئارقىلىرىغا قايتىشتى.١٧ [17]ئۇلار ئابسالومنىڭ جەسىتىنى دەرەختىن چۈشۈرۈپ، ئورماندىكى چوڭ بىر ئورەككە تاشلىۋەتتى ۋە ئۈستىگە ئېگىز قىلىپ تاش دۆۋىلەپ قويدى. ئابسالومغا ئەگەشكەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى.١٨ [18]ئابسالوم ھايات ۋاقتىدا نامىمنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلۇم يوق دەپ، «پادىشاھ جىلغىسى» دېگەن يەردە ئۆزىگە ئاتاپ بىر تاش ئابىدە ئورنىتىپ، ئۇنىڭغا ئۆز نامىنى بەرگەنىدى. بۇ تاش ئابىدە شۇنىڭدىن بېرى «ئابسالوم ئابىدىسى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.١٩ [19]زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا: _ ئىجازەت بەرسىڭىز، مەن تېز بېرىپ پادىشاھقا: «پەرۋەردىگار سىلىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدى» دەپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزەي، _ دېدى.٢٠ [20]_ ياق، _ دېدى يوئاب، _ بۈگۈن خەۋەر يەتكۈزمىگىن، باشقا كۈنى يەتكۈزگىن. بۈگۈن بارما، چۈنكى پادىشاھنىڭ ئوغلى ئۆلدى.٢١ [21]شۇنىڭدىن كېيىن يوئاب كۇشلاردىن بىرىگە: _ سەن بېرىپ، كۆرگەنلىرىڭنى پادىشاھقا ئېيتقىن، _ دېدى. ئۇ ئادەم يوئابقا تەزىم قىلدى-دە، يۈگۈرۈپ كەتتى.٢٢ [22]لېكىن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز يوئابقا يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، مېنىڭمۇ كۇشلاردىن بولغان ئاۋۇ ئادەم بىلەن بىرگە بېرىشىمغا رۇخسەت قىلسىڭىز، _ دېدى. يوئاب: _ سەن نېمىشقا بارىمەن، دەپ تۇرۇۋالىسەن؟ ئوغلۇم، سەن خەۋەر يەتكۈزۈپ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەيسەن، _ دېدى.٢٣ [23]ئاخىمائاز يەنە: _ مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، تېز بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزەي! _ دېدى. _ بوپتۇ بارغىن! _ دېدى يوئاب. شۇنىڭ بىلەن ئاخىمائاز ئىئوردان تۈزلەڭلىكىنى بويلاپ يۈگۈرۈپ، ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەمدىن ئۆتۈپ كەتتى.٢٤ [24]داۋۇت بۇ چاغدا شەھەرنىڭ ئىچكىرىكى ۋە تاشقىرىقى دەرۋازىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. كۆزەتچى سېپىلنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئۇ دەرۋازىنىڭ ئۆگزىسىدە تۇرۇپ، ئەتراپقا قاراپ، بىر ئادەمنىڭ يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى ۋە٢٥ [25]پادىشاھقا ۋارقىراپ خەۋەر يەتكۈزدى. پادىشاھ: _ ئۇ يالغۇز بولسا، چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى. ئۇ ئادەم يېقىنلاپ كەلگەندە،٢٦ [26]كۆزەتچى يەنە بىر ئادەمنىڭ يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرۋازىۋەنگە قاراپ: _ قاراڭلا، يەنە بىر ئادەم يالغۇز يۈگۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ! _ دەپ توۋلىدى. پادىشاھ: _ ئۇمۇ چوقۇم ياخشى خەۋەر يەتكۈزگىلى كېلىۋاتقان ئادەم، _ دېدى.٢٧ [27]_ ئالدىدا يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان ئادەمنىڭ يۈگۈرۈشى زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائازنىڭ يۈگۈرۈشىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى كۆزەتچى. _ ئۇ ياخشى ئادەم، چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ، _ دېدى پادىشاھ.٢٨ [28]ئاخىمائاز پادىشاھقا يۇقىرى ئاۋازدا: _ تىنچ-ئامان بولغايلا، _ دەپ توۋلىدى. ئۇ يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھقا تەزىم قىلغاندىن كېيىن، مۇنداق دېدى: _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشلىرىغا مۇيەسسەر قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا ھەمدۇسانالار بولغاي.٢٩ [29]پادىشاھ: _ ياش يىگىت ئابسالوم ئامان-ئېسەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئاخىمائاز: _ يوئاب كۇشلاردىن بولغان خىزمەتكارلىرىنى ۋە پېقىرنى يولغا سالغان چاغدا، قالايمىقانچىلىق بولۇپ كېتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.٣٠ [30]_ بوپتۇ ئەمىسە، بىر چەتتە كۈتۈپ تۇر، _ دېدى پادىشاھ ئۇنىڭغا. ئاخىمائاز بىر چەتكە بېرىپ تۇردى.٣١ [31]شۇ ئارىلىقتا ھېلىقى كۇشلاردىن بولغان ئادەم يېتىپ كەلدى. _ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ياخشى خەۋەر ئېلىپ كەلدىم. بۈگۈن پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنى سىلىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنلەر قولىدىن قۇتقۇزدى! _ دېدى ئۇ.٣٢ [32]پادىشاھ ئۇنىڭدىن: _ ياش يىگىت ئابسالوم تىنچ-ئامانمۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ، يەنى ئۆزلىرىگە قارشى چىققانلارنىڭ تەقدىرى ئاشۇ ياش يىگىتنىڭ تەقدىرىدەك بولغاي، _ دەپ جاۋاب بەردى كۇشلاردىن بولغان ھېلىقى ئادەم.٣٣ [33]پادىشاھ ھەسرەت ئىچىدە دەرۋازا ئۈستىدىكى ئۆيگە قاراپ ماڭدى ۋە ئازابلىنىپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ ئۆيگە چىققاچ: _ ئوغلۇم ئابسالوم، سېنىڭ ئورنۇڭدا مەن ئۆلسەم بولماسمىدى! ئوغلۇم، ئاھ جېنىم ئوغلۇم ئابسالوم، ئوغلۇم ئابسالوم! _ دەپ پەرياد قىلدى.ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee Uyghur Arabic Bible سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم ١٨ 00:00:00 00:00:00 0.5x 2.0x https://beblia.bible:81/BibleAudio/uyghurarabic/2samuel/018.mp3 24 18