× تىل أوروبا الروسية البيلاروسية الأوكرانية البولندية الصربية البلغارية السلوفاكية التشيكية روماني مولدوفا أذربيجان الأرميني الجورجية ألباني أفار بشكير التتار الشيشان سلوفينيان الكرواتية الإستونية لاتفيا اللتوانية المجرية الفنلندية النرويجية سويديش الأيسلاندية اليونانية المقدونية الألمانية بافاريا هولندي دانماركي الويلزية الغيلية ايرلندية فرينش باسكو الكاتالونية الإيطالية غالاسيان روماني Bosnian شمال امريكا إنجليش جنوب امريكا الإسبانية البرتغالية غواراني كيشوان ايمارا أمريكا الوسطى الجامايكي ناهواتل كيش كقشي هيتيان شرق اسيا شينيز اليابانية الكورية المنغولية الأويغور همونغ جنوب شرق آسيا الماليزية البورمية هاكا تشين نيبالي سيبيونو تاغالوغ كمبودي تاي إندونيسيان الفيتنامية الجاوية لاو ئىبان ئى مىئېن كاچىن لاخۇ Aceh Balinese Bugis Pampanga Sasak Shan Waray جنوب آسيا هيندي أوديا العوضي ميزو الكانادا المالايالامية ماراثي الغوجاراتية التاميلية التيلجو البنجابية كوروخ الأسامية المايثيلي البنغالية أوردو السنهالية دوجري هاريانفي ميتي الكونكانية السنتالية السندية كويا تادو سانسكرىت دېۋانگارى Adilabad Gondi Ahirani بالوتشي Bundeli Chhattisgarhi Garhwali Kangri Kumaoni Mewari Munda Sadri Seraiki Shekhawati Sylheti آسيا الوسطى قيرغيزستان أوزبكي طاجيك التركمان كازاخستان قاراقالپاك الشرق الأوسط التركية العبرية أرابيك الفارسية الكردية الباشتو القبطية أفريقيا أفريكانز شوسا زولو نديبيل سوثو الأمهرية ووليتا النيجر موسي إيكا دينكا كابيل إيوي سواهيلي المغرب سوماليان شونا مدغشقر الإيغبو اللينغالا باول سيسواتي تسونجا التسوانا غامبيان اليوروبا كامبا كينيارواندا الهوسا شيوا لوه ماكوا ديولا فولفولدي كالينجين كيكويو كيكوانجو كيروندي كريو النيجيري بيدجين أورومو تشيلوبا تشيفيندا توي أومبوندو لۇگبارا لۇگۇ تۈۋرۈك گۇسسى مائاساي تۇركانا موبا نوئېر شىللۇك تاماشىك ماكوندو Bemba Fon Hadiyya Ibibio Kimbundu Kimiiru Lango Liberian Kreyol Lomwe Mende Morisyen Ndau Nyankole Sena Sidamo Soga Songe Sukuma Tarifit Teso Tiv Zande Dagbani قارة استراليا نيوزيلاند بابوا غينيا الجديدة اللغات القديمة أراميك اللاتينية اسبرانتو 1 1 1 عربى السيريليةلاتينيعربى1 1 1 كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت ئالەمنىڭ يارىتىلىشىمىسىردىن چىقىشلاۋىيلارچۆلدەقانۇننىڭ تەكرارىيوشۇۋاسەردارلاررۇتسامۇئىل بىرىنچى قىسىمسامۇئىل ئىككىنچى قىسىمبىرىنچى قىسىمئىككىنچى قىسىمتارىخلارئىككىنچى قىسىمئەزرانەخەمىيائەستىرئايۇپزەبۇرپەند-نەسىھەتلەرھېكمەتلەرنەزمىلەر شاھىيەشايايەرەمىيارثاءحزقيالدانىيالھوشىيايوئېلئاموسئوبادىيايۇنۇسمىكاھناھۇمخاباقۇقزىفانىياھاگايزىكىرىيامالاكى--- --- ---مەتتاماركۇسلۇقا يۇھاننائەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىرىملىقلارغا يېزىلغان خەتكورىنتلىقلارغا 1-خەتكورىنتلىقلارغا 2-خەتگالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەتئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەتفىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەتكولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەتسالونىكالىقلارغا 1-خەتسالونىكالىقلارغا 2-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 1-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 2-خەتتىتۇسقا يېزىلغان خەتفىلىمۇنغا يېزىلغان خەتئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتياقۇپ يازغان خەتپېترۇس يازغان 1-خەتپېترۇس يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 1-خەتيۇھاننا يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 3-خەتيەھۇدا يازغان خەتۋەھىيلەر1 1 1 ١ ١٢٣٤1 1 1 : ١ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠٢١٢٢٢٣٢٤٢٥٢٦٢٧٢٨٢٩1 1 1 Uyghur Arabic Bible كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت ١ خاتىرىلەرنى ساقلاش ١ [1]خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن٢ [2]كولوسى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سادىق ۋە مۇقەددەس خەلققە سالام. خۇدائاتىمىز سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!٣ [3]بىز سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغاندا، ھەمىشە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى بولغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمىز.٤ [4]چۈنكى، بىز سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغىنىڭلاردىن ۋە خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكىنىڭلاردىن خەۋەر تاپتۇق.٥ [5]سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار ۋە مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان ھەقىقىي بايلىققا بولغان ئۈمىدىڭلاردىن كەلگەن. ھەقىقەتتىن ئىبارەت بولغان خۇش خەۋەر سىلەرگە دەسلەپتە يەتكۈزۈلگەن چاغدىلا بۇ ئۈمىد سىلەردە پەيدا بولغان.٦ [6]خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا.٧ [7]سىلەر خۇدانىڭ بۇ مېھىر-شەپقىتى توغرۇلۇق بىزنىڭ قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز ئېپافىرادىن تەلىم ئالدىڭلار. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق خىزمەتكارى بولۇپ، بىزنىڭ ئورنىمىزدا سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ.٨ [8]ئۇ يەنە مۇقەددەس روھ سىلەرگە ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتتىن بىزنى خەۋەردار قىلدى.٩ [9]شۇڭا، بىز سىلەر توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كۈندىن باشلاپ، سىلەر ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. بىز دۇئايىمىزدا خۇدادىن شۇنى تىلىدۇقكى، سىلەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتكە تولۇپ، خۇدانىڭ ئىرادىسى توغرۇلۇق تولۇق چۈشەنچىگە ئېرىشكەيسىلەر.١٠ [10]شۇنداق بولغاندا، رەببىمىزنىڭ ئىرادىسىگە مۇناسىپ ياشاپ، ھەر جەھەتتىن ئۇنى خۇرسەن قىلالايسىلەر ھەمدە ھاياتىڭلاردا ھەربىر ياخشى ئىشتا مېۋە بېرىپ، خۇدانى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يېتەلەيسىلەر.١١ [11]بىز يەنە شۇنى تىلىدۇقكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ قۇدرىتى بىلەن كۈچلەندۈرگەي. شۇنداق بولغاندا، سىلەر ھەرقانداق ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن بەرداشلىق بېرەلەيسىلەر ھەمدە خۇشال-خۇراملىققا چۆمۈپ،١٢ [12]خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىسىلەر. چۈنكى، خۇدا سىلەرنى يورۇقلۇقتا ياشاۋاتقان بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ مىراسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا لايىق قىلدى.١٣ [13]ئۇ بىزنى شەيتاننىڭ زۇلۇم-زەخمىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، سۆيۈملۈك ئوغلىنىڭ پادىشاھلىقىغا ئېلىپ كىردى.١٤ [14]بىز ئۇنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلى ئارقىلىق گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن بولدۇق، يەنى گۇناھلىرىمىز كەچۈرۈم قىلىندى.١٥ [15]ئەيسا مەسىھ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان خۇدانىڭ ئوبرازىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇت بولغان بولۇپ، ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.١٦ [16]چۈنكى، مەيلى يەر يۈزىدە ياكى ئەرشتە بولسۇن، مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق يارىتىلغان. كۆرگىلى بولىدىغان مەۋجۇداتلار ياكى كۆرگىلى بولمايدىغان ئەرشتىكى ھەرقانداق مەرتىۋىلىكلەر، مەنسەپدارلار، ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلار بولسۇن، ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر.١٧ [17]ئۇ بارلىق مەۋجۇداتلاردىن بۇرۇن مەۋجۇتتۇر. بارلىق مەۋجۇداتلار ئۇ ئارقىلىقلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.١٨ [18]ئەيسا مەسىھ ئۆز تېنىدىن ئىبارەت بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ بېشى ۋە ئۇنىڭ بەرپا قىلغۇچىسىدۇر. ئۇنىڭ ھەر جەھەتتىن پۈتكۈل مەۋجۇداتلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشى ئۈچۈن، ئۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈككە تىرىلدۈرۈلگەن.١٩ [19]خۇدا ئۆزىنىڭ بارلىق مۇكەممەل تەبىئىتىنىڭ ئۇنىڭدا بولۇشىدىن سۆيۈندى٢٠ [20]ھەمدە ئۇ ئارقىلىق يەر يۈزى ۋە ئەرشتىكى بارلىق مەۋجۇداتنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇرۇپ، ئۇنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىق ئىناقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىنمۇ سۆيۈندى.٢١ [21]ئىلگىرى سىلەرمۇ خۇدادىن ئايرىلىپ، قىلغان يامان ئوي-پىكرىڭلار ۋە ئىشلىرىڭلار سەۋەبىدىن ئۇنىڭ بىلەن دۈشمەنلەشكەنىدىڭلار.٢٢ [22]بىراق، ھازىر خۇدا ئۆز ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق سىلەرنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا پاك، قۇسۇرسىز ۋە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر.٢٣ [23]لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم.٢٤ [24]مەن ھازىر سىلەر ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن. چۈنكى، خۇددى ئەيسا مەسىھ ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانغا ئوخشاش، مەن ئۇنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئۈچۈن تارتىشقا تېگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز تېنىمدا تارتىۋاتىمەن.٢٥ [25]خۇدا خوش خەۋەرنىڭ سىلەرگە يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، مېنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ تەيىنلىدى.٢٦ [26]بۇ خوش خەۋەر ئەلمىساقتىن بۇيان ئاشكارىلانمىغان. ھازىر ئۇنىڭ سىرى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئايان قىلىندى.٢٧ [27]خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر.٢٨ [28]شۇڭا، بىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى بارلىق ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە، شۇنداقلا خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق ئەقىل-پاراسەت بىلەن ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تەلىم بېرىشكە تىرىشىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ئېتىقادىنىڭ ھەر جەھەتتىن تولۇق يېتىلگەن ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بېرىشى ئۈچۈندۇر.٢٩ [29]بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھتىن كەلگەن، ھاياتىمدا نامايان بولۇۋاتقان زور كۈچكە تايىنىپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلەۋاتىمەن.ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee Uyghur Arabic Bible كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت ١ 00:00:00 00:00:00 0.5x 2.0x https://beblia.bible:81/BibleAudio/uyghurarabic/colossians/001.mp3 4 1