× تىل أوروبا الروسية البيلاروسية الأوكرانية البولندية الصربية البلغارية السلوفاكية التشيكية روماني مولدوفا أذربيجان الأرميني الجورجية ألباني أفار بشكير التتار الشيشان سلوفينيان الكرواتية الإستونية لاتفيا اللتوانية المجرية الفنلندية النرويجية سويديش الأيسلاندية اليونانية المقدونية الألمانية بافاريا هولندي دانماركي الويلزية الغيلية ايرلندية فرينش باسكو الكاتالونية الإيطالية غالاسيان روماني Bosnian شمال امريكا إنجليش جنوب امريكا الإسبانية البرتغالية غواراني كيشوان ايمارا أمريكا الوسطى الجامايكي ناهواتل كيش كقشي هيتيان شرق اسيا شينيز اليابانية الكورية المنغولية الأويغور همونغ جنوب شرق آسيا الماليزية البورمية هاكا تشين نيبالي سيبيونو تاغالوغ كمبودي تاي إندونيسيان الفيتنامية الجاوية لاو ئىبان ئى مىئېن كاچىن لاخۇ Aceh Balinese Bugis Pampanga Sasak Shan Waray جنوب آسيا هيندي أوديا العوضي ميزو الكانادا المالايالامية ماراثي الغوجاراتية التاميلية التيلجو البنجابية كوروخ الأسامية المايثيلي البنغالية أوردو السنهالية دوجري هاريانفي ميتي الكونكانية السنتالية السندية كويا تادو سانسكرىت دېۋانگارى Adilabad Gondi Ahirani بالوتشي Bundeli Chhattisgarhi Garhwali Kangri Kumaoni Mewari Munda Sadri Seraiki Shekhawati Sylheti آسيا الوسطى قيرغيزستان أوزبكي طاجيك التركمان كازاخستان قاراقالپاك الشرق الأوسط التركية العبرية أرابيك الفارسية الكردية الباشتو القبطية أفريقيا أفريكانز شوسا زولو نديبيل سوثو الأمهرية ووليتا النيجر موسي إيكا دينكا كابيل إيوي سواهيلي المغرب سوماليان شونا مدغشقر الإيغبو اللينغالا باول سيسواتي تسونجا التسوانا غامبيان اليوروبا كامبا كينيارواندا الهوسا شيوا لوه ماكوا ديولا فولفولدي كالينجين كيكويو كيكوانجو كيروندي كريو النيجيري بيدجين أورومو تشيلوبا تشيفيندا توي أومبوندو لۇگبارا لۇگۇ تۈۋرۈك گۇسسى مائاساي تۇركانا موبا نوئېر شىللۇك تاماشىك ماكوندو Bemba Fon Hadiyya Ibibio Kimbundu Kimiiru Lango Liberian Kreyol Lomwe Mende Morisyen Ndau Nyankole Sena Sidamo Soga Songe Sukuma Tarifit Teso Tiv Zande Dagbani قارة استراليا نيوزيلاند بابوا غينيا الجديدة اللغات القديمة أراميك اللاتينية اسبرانتو 1 1 1 عربى السيريليةلاتينيعربى1 1 1 فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت ئالەمنىڭ يارىتىلىشىمىسىردىن چىقىشلاۋىيلارچۆلدەقانۇننىڭ تەكرارىيوشۇۋاسەردارلاررۇتسامۇئىل بىرىنچى قىسىمسامۇئىل ئىككىنچى قىسىمبىرىنچى قىسىمئىككىنچى قىسىمتارىخلارئىككىنچى قىسىمئەزرانەخەمىيائەستىرئايۇپزەبۇرپەند-نەسىھەتلەرھېكمەتلەرنەزمىلەر شاھىيەشايايەرەمىيارثاءحزقيالدانىيالھوشىيايوئېلئاموسئوبادىيايۇنۇسمىكاھناھۇمخاباقۇقزىفانىياھاگايزىكىرىيامالاكى--- --- ---مەتتاماركۇسلۇقا يۇھاننائەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىرىملىقلارغا يېزىلغان خەتكورىنتلىقلارغا 1-خەتكورىنتلىقلارغا 2-خەتگالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەتئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەتفىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەتكولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەتسالونىكالىقلارغا 1-خەتسالونىكالىقلارغا 2-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 1-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 2-خەتتىتۇسقا يېزىلغان خەتفىلىمۇنغا يېزىلغان خەتئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتياقۇپ يازغان خەتپېترۇس يازغان 1-خەتپېترۇس يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 1-خەتيۇھاننا يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 3-خەتيەھۇدا يازغان خەتۋەھىيلەر1 1 1 ١ ١1 1 1 : ١ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠٢١٢٢٢٣٢٤٢٥1 1 1 فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت ١ خاتىرىلەرنى ساقلاش ١ [1]ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەنكى پاۋلۇس ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز تىموتىيدىن قەدىرلىك خىزمەتدىشىمىز بولغان سەن فىلىمۇنغا٢ [2]ۋە سىڭلىمىز ئافىياغا، بىز بىلەن بىللە كۈرەش قىلغان ئاركىپۇسقا ۋە ئۆيۈڭدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام!٣ [3]خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!٤ [4]قەدىرلىك فىلىمۇن، دۇئالىرىمدا ھەمىشە سېنى ياد ئېتىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن.٥ [5]چۈنكى، مەن سېنىڭ رەببىمىز ئەيساغا بولغان ئېتىقادىڭ ۋە بارلىق ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ توغرىسىدا ھەر دائىم ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.٦ [6]ئېتىقادىڭ سەۋەبلىك خۇدا ساڭا تەقدىم قىلغانلارنى باشقىلار بىلەن مەردلەرچە ئورتاقلىشىشىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. شۇنداق قىلساڭ، بىزنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىزدىن بىزگە بېرىلگەن بەختلەرنىڭ نەقەدەر مول ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسەن.٧ [7]قېرىندىشىم، سېنىڭ ئېتىقادچىلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ماڭا زور خۇشاللىق ۋە رىغبەت ئېلىپ كەلدى. چۈنكى، سەن ئېتىقادچىلارنىڭ روھىنى كۆتۈردۈڭ.٨ [8]شۇڭا، مەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشۇم بىلەن ئەسلىدە سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى بېجىرىشىڭنى يۈرەكلىك ھالدا بۇيرۇيالىساممۇ،٩ [9]لېكىن، يەنىلا سېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىڭگە كۆرە ئىلتىماس قىلىشنى تاللىۋالدىم. بۇ ئىلتىماسنى مۇشۇ ياشقا كىرىپ قالغان ھەم ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا ھازىر مەھبۇس بولۇۋاتقان مەنكى پاۋلۇستىن دەپ بىلگىن.١٠ [10]سەندىن قۇلۇڭ ئونېسىمۇس ھەققىدە ئىلتىماس قىلىمەن. ئۇ زىنداندىكى ۋاقتىمدا مەن ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغانلىقتىن، ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان.١١ [11]ئۇ بۇرۇن ساڭا پايدىسىز بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ساڭىمۇ، ماڭىمۇ پايدىلىقتۇر.١٢ [12]مەن ھازىر ئۇنى، يەنى جانجىگىرىمنى سېنىڭ يېنىڭغا قايتۇرىمەن.١٣ [13]خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىم ئۈچۈن مەھبۇس بولۇپ زىنداندا يېتىۋاتقان مۇشۇ ۋاقتىمدا، ئۇنى سېنىڭ ئورنۇڭدا خىزمىتىمدە بولۇش ئۈچۈن يېنىمدا ئېلىپ قالغۇم بار ئىدى.١٤ [14]بىراق، سېنىڭ رازىلىقىڭنى ئالمىغاچقا، بۇنداق قىلىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ ماڭا مەجبۇرىي ئەمەس، بەلكى رازىمەنلىك بىلەن ياخشىلىق قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلدىم.١٥ [15]خۇدانىڭ قۇلۇڭ ئونېسىمۇسنىڭ ۋاقتىنچە سېنىڭ يېنىڭدىن قېچىشىغا يول قويغانلىقى، بەلكىم كېيىن سېنىڭ ئۇنى مەڭگۈ ئېلىپ قېلىشىڭ ئۈچۈندۇر.١٦ [16]ئەمدى سەن ئۇنى قۇل قاتارىدا ئەمەس، بەلكى قۇلدىن كۆپ ئۈستۈن - سۆيۈملۈك بىر ئېتىقادچى قېرىندىشىڭ قاتارىدا كۆرەرسەن. ئۇ مەن ئۈچۈن ئىنتايىن قەدىرلىكتۇر. سەن ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق بولۇشى كېرەك. چۈنكى، سېنىڭ ھازىر ئۇنىڭ بىلەن قۇل-خوجايىنلىق مۇناسىۋىتىڭ بولۇپلا قالماي، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىش جەھەتتە قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىڭمۇ باردۇر.١٧ [17]شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر سەن مېنى رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە سەپداش دەپ قارىساڭ، ئۇنى مېنى قوبۇل قىلغاندەك قوبۇل قىل.١٨ [18]ئەگەر بۇرۇن ئۇ ساڭا بىرەر يولسىزلىق قىلغان بولسا ياكى پۇللىرىڭنى ئوغرىلىغان بولسا، ئۇنى مېنىڭ ھېسابىمغا ياز.١٩ [19]مەنكى پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن: ھېساباتنى ئۆزۈم قايتۇرىمەن. لېكىن، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېرىشكەن مەڭگۈلۈك ھاياتىڭ ئۈچۈن ماڭا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى تىلغا ئېلىشىمنىڭ ھاجىتى بولمىسا كېرەك.٢٠ [20]شۇڭا، ئەي قېرىندىشىم، رەببىمىز ئۈچۈن ئىلتىماسىمنى قوبۇل قىلغىن. ئىككىلىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، روھىمنى كۆتۈر.٢١ [21]سۆزۈمنى ئاڭلايدىغانلىقىڭغا ۋە سورىغانلىرىمدىن ئارتۇق ئورۇنلايدىغانلىقىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىپ، بۇ خەتنى يازدىم.٢٢ [22]يەنە بىر ئىش، ماڭا تۇرالغۇ جاي تەييارلاپ قويغىن. چۈنكى، دۇئالىرىڭلار ئارقىلىق زىنداندىن ئازاد بولۇپ، يېنىڭلارغا قايتىپ بارىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.٢٣ [23]ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن بىلەن بىللە مەھبۇس بولغان ئېپافىرا،٢٤ [24]خىزمەتداشلىرىم ماركۇس، ئارىستارخۇس، دېماس ۋە لۇقالاردىن ساڭا سالام.٢٥ [25]رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee Uyghur Arabic Bible فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت ١ 00:00:00 00:00:00 0.5x 2.0x https://beblia.bible:81/BibleAudio/uyghurarabic/philemon/001.mp3 1 1