× تىل أوروبا الروسية البيلاروسية الأوكرانية البولندية الصربية البلغارية السلوفاكية التشيكية روماني مولدوفا أذربيجان الأرميني الجورجية ألباني أفار بشكير التتار الشيشان سلوفينيان الكرواتية الإستونية لاتفيا اللتوانية المجرية الفنلندية النرويجية سويديش الأيسلاندية اليونانية المقدونية الألمانية بافاريا هولندي دانماركي الويلزية الغيلية ايرلندية فرينش باسكو الكاتالونية الإيطالية غالاسيان روماني Bosnian شمال امريكا إنجليش جنوب امريكا الإسبانية البرتغالية غواراني كيشوان ايمارا أمريكا الوسطى الجامايكي ناهواتل كيش كقشي هيتيان شرق اسيا شينيز اليابانية الكورية المنغولية الأويغور همونغ جنوب شرق آسيا الماليزية البورمية هاكا تشين نيبالي سيبيونو تاغالوغ كمبودي تاي إندونيسيان الفيتنامية الجاوية لاو ئىبان ئى مىئېن كاچىن لاخۇ Aceh Balinese Bugis Pampanga Sasak Shan Waray جنوب آسيا هيندي أوديا العوضي ميزو الكانادا المالايالامية ماراثي الغوجاراتية التاميلية التيلجو البنجابية كوروخ الأسامية المايثيلي البنغالية أوردو السنهالية دوجري هاريانفي ميتي الكونكانية السنتالية السندية كويا تادو سانسكرىت دېۋانگارى Adilabad Gondi Ahirani بالوتشي Bundeli Chhattisgarhi Garhwali Kangri Kumaoni Mewari Munda Sadri Seraiki Shekhawati Sylheti آسيا الوسطى قيرغيزستان أوزبكي طاجيك التركمان كازاخستان قاراقالپاك الشرق الأوسط التركية العبرية أرابيك الفارسية الكردية الباشتو القبطية أفريقيا أفريكانز شوسا زولو نديبيل سوثو الأمهرية ووليتا النيجر موسي إيكا دينكا كابيل إيوي سواهيلي المغرب سوماليان شونا مدغشقر الإيغبو اللينغالا باول سيسواتي تسونجا التسوانا غامبيان اليوروبا كامبا كينيارواندا الهوسا شيوا لوه ماكوا ديولا فولفولدي كالينجين كيكويو كيكوانجو كيروندي كريو النيجيري بيدجين أورومو تشيلوبا تشيفيندا توي أومبوندو لۇگبارا لۇگۇ تۈۋرۈك گۇسسى مائاساي تۇركانا موبا نوئېر شىللۇك تاماشىك ماكوندو Bemba Fon Hadiyya Ibibio Kimbundu Kimiiru Lango Liberian Kreyol Lomwe Mende Morisyen Ndau Nyankole Sena Sidamo Soga Songe Sukuma Tarifit Teso Tiv Zande Dagbani قارة استراليا نيوزيلاند بابوا غينيا الجديدة اللغات القديمة أراميك اللاتينية اسبرانتو 1 1 1 عربى السيريليةلاتينيعربى1 1 1 يەھۇدا يازغان خەت ئالەمنىڭ يارىتىلىشىمىسىردىن چىقىشلاۋىيلارچۆلدەقانۇننىڭ تەكرارىيوشۇۋاسەردارلاررۇتسامۇئىل بىرىنچى قىسىمسامۇئىل ئىككىنچى قىسىمبىرىنچى قىسىمئىككىنچى قىسىمتارىخلارئىككىنچى قىسىمئەزرانەخەمىيائەستىرئايۇپزەبۇرپەند-نەسىھەتلەرھېكمەتلەرنەزمىلەر شاھىيەشايايەرەمىيارثاءحزقيالدانىيالھوشىيايوئېلئاموسئوبادىيايۇنۇسمىكاھناھۇمخاباقۇقزىفانىياھاگايزىكىرىيامالاكى--- --- ---مەتتاماركۇسلۇقا يۇھاننائەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىرىملىقلارغا يېزىلغان خەتكورىنتلىقلارغا 1-خەتكورىنتلىقلارغا 2-خەتگالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەتئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەتفىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەتكولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەتسالونىكالىقلارغا 1-خەتسالونىكالىقلارغا 2-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 1-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 2-خەتتىتۇسقا يېزىلغان خەتفىلىمۇنغا يېزىلغان خەتئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتياقۇپ يازغان خەتپېترۇس يازغان 1-خەتپېترۇس يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 1-خەتيۇھاننا يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 3-خەتيەھۇدا يازغان خەتۋەھىيلەر1 1 1 ١ ١1 1 1 : ١ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠٢١٢٢٢٣1 1 1 يەھۇدا يازغان خەت ١ خاتىرىلەرنى ساقلاش ١ [1]ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام.٢ [2]خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىللىك، ئامانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغاي!٣ [3]قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان.٤ [4]بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن.٥ [5]بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم.٦ [6]يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا تاشلىدى.٧ [7]سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى.٨ [8]ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر «خۇدادىن ۋەھىي كەلدى» دەپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ، شۇ تەرىقىدە ئۆز تەنلىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.٩ [9]ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان.١٠ [10]لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ.١١ [11]بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ.١٢ [12]دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ.١٣ [13]خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ.١٤ [14]ئادەم~ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە.١٥ [15]ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.»١٦ [16]بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.١٧ [17]قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.١٨ [18]ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى.١٩ [19]ئۇلار ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئۆز تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، قەلبىدە مۇقەددەس روھ بولمىغان كىشىلەردۇر.٢٠ [20]لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار.٢١ [21]رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار.٢٢ [22]ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار.٢٣ [23]بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار.ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee Uyghur Arabic Bible يەھۇدا يازغان خەت ١ 00:00:00 00:00:00 0.5x 2.0x https://beblia.bible:81/BibleAudio/uyghurarabic/jude/001.mp3 1 1