× تىل أوروبا الروسية البيلاروسية الأوكرانية البولندية الصربية البلغارية السلوفاكية التشيكية روماني مولدوفا أذربيجان الأرميني الجورجية ألباني أفار بشكير التتار الشيشان سلوفينيان الكرواتية الإستونية لاتفيا اللتوانية المجرية الفنلندية النرويجية سويديش الأيسلاندية اليونانية المقدونية الألمانية بافاريا هولندي دانماركي الويلزية الغيلية ايرلندية فرينش باسكو الكاتالونية الإيطالية غالاسيان روماني Bosnian شمال امريكا إنجليش جنوب امريكا الإسبانية البرتغالية غواراني كيشوان ايمارا أمريكا الوسطى الجامايكي ناهواتل كيش كقشي هيتيان شرق اسيا شينيز اليابانية الكورية المنغولية الأويغور همونغ جنوب شرق آسيا الماليزية البورمية هاكا تشين نيبالي سيبيونو تاغالوغ كمبودي تاي إندونيسيان الفيتنامية الجاوية لاو ئىبان ئى مىئېن كاچىن لاخۇ Aceh Balinese Bugis Pampanga Sasak Shan Waray جنوب آسيا هيندي أوديا العوضي ميزو الكانادا المالايالامية ماراثي الغوجاراتية التاميلية التيلجو البنجابية كوروخ الأسامية المايثيلي البنغالية أوردو السنهالية دوجري هاريانفي ميتي الكونكانية السنتالية السندية كويا تادو سانسكرىت دېۋانگارى Adilabad Gondi Ahirani بالوتشي Bundeli Chhattisgarhi Garhwali Kangri Kumaoni Mewari Munda Sadri Seraiki Shekhawati Sylheti آسيا الوسطى قيرغيزستان أوزبكي طاجيك التركمان كازاخستان قاراقالپاك الشرق الأوسط التركية العبرية أرابيك الفارسية الكردية الباشتو القبطية أفريقيا أفريكانز شوسا زولو نديبيل سوثو الأمهرية ووليتا النيجر موسي إيكا دينكا كابيل إيوي سواهيلي المغرب سوماليان شونا مدغشقر الإيغبو اللينغالا باول سيسواتي تسونجا التسوانا غامبيان اليوروبا كامبا كينيارواندا الهوسا شيوا لوه ماكوا ديولا فولفولدي كالينجين كيكويو كيكوانجو كيروندي كريو النيجيري بيدجين أورومو تشيلوبا تشيفيندا توي أومبوندو لۇگبارا لۇگۇ تۈۋرۈك گۇسسى مائاساي تۇركانا موبا نوئېر شىللۇك تاماشىك ماكوندو Bemba Fon Hadiyya Ibibio Kimbundu Kimiiru Lango Liberian Kreyol Lomwe Mende Morisyen Ndau Nyankole Sena Sidamo Soga Songe Sukuma Tarifit Teso Tiv Zande Dagbani قارة استراليا نيوزيلاند بابوا غينيا الجديدة اللغات القديمة أراميك اللاتينية اسبرانتو 1 1 1 عربى السيريليةلاتينيعربى1 1 1 ۋەھىيلەر ئالەمنىڭ يارىتىلىشىمىسىردىن چىقىشلاۋىيلارچۆلدەقانۇننىڭ تەكرارىيوشۇۋاسەردارلاررۇتسامۇئىل بىرىنچى قىسىمسامۇئىل ئىككىنچى قىسىمبىرىنچى قىسىمئىككىنچى قىسىمتارىخلارئىككىنچى قىسىمئەزرانەخەمىيائەستىرئايۇپزەبۇرپەند-نەسىھەتلەرھېكمەتلەرنەزمىلەر شاھىيەشايايەرەمىيارثاءحزقيالدانىيالھوشىيايوئېلئاموسئوبادىيايۇنۇسمىكاھناھۇمخاباقۇقزىفانىياھاگايزىكىرىيامالاكى--- --- ---مەتتاماركۇسلۇقا يۇھاننائەلچىلەرنىڭ پائالىيەتلىرىرىملىقلارغا يېزىلغان خەتكورىنتلىقلارغا 1-خەتكورىنتلىقلارغا 2-خەتگالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەتئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەتفىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەتكولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەتسالونىكالىقلارغا 1-خەتسالونىكالىقلارغا 2-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 1-خەتتىموتىيغا يېزىلغان 2-خەتتىتۇسقا يېزىلغان خەتفىلىمۇنغا يېزىلغان خەتئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەتياقۇپ يازغان خەتپېترۇس يازغان 1-خەتپېترۇس يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 1-خەتيۇھاننا يازغان 2-خەتيۇھاننا يازغان 3-خەتيەھۇدا يازغان خەتۋەھىيلەر1 1 1 ١ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠٢١٢٢1 1 1 : ١ ١٢٣٤٥٦٧٨٩١٠١١١٢١٣١٤١٥١٦١٧١٨١٩٢٠1 1 1 Uyghur Arabic Bible ۋەھىيلەر ١ خاتىرىلەرنى ساقلاش ١ [1]مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى.٢ [2]يۇھاننا خۇدانىڭ سۆزى - ئەيسا مەسىھ بەرگەن گۇۋاھلىققا، كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى.٣ [3]بۇ ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.٤ [4]مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،٥ [5]سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي. ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى،٦ [6]بىزنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!٧ [7]مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!٨ [8]پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»٩ [9]مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم.١٠ [10]رەببىمىزنىڭ كۈنىدە مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.١١ [11]بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.١٢ [12]ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان١٣ [13]ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى.١٤ [14]ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى.١٥ [15]پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى.١٦ [16]ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاق ئىدى.١٧ [17]ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى: - قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن.١٨ [18]ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا.١٩ [19]شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر.٢٠ [20]يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee Uyghur Arabic Bible ۋەھىيلەر ١ 00:00:00 00:00:00 0.5x 2.0x https://beblia.bible:81/BibleAudio/uyghurarabic/revelation/001.mp3 22 1