بىر يىلدا ئىنجىل
يانۋار ١٣

١. ئىبراھىم قىتۇرا ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى توقاللىققا ئالدى.
٢. ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مىدان، مىديان، يىشباق ۋە شۇۋاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
٣. يوقشان شىبا بىلەن دىداننىڭ ئاتىسى ئىدى. ئاشۇرلار، لىتۇشلار ۋە لىئۇملار دىداننىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
٤. مىدياننىڭ ئېفاھ، ئېفەر، خانوك، ئابىدا ۋە ئەلدائا قاتارلىق ئوغۇللىرى بار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى قىتۇرانىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.
٥. ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى.
٦. لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.
٧. ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ١٧٥ يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
٨.
٩. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى مامرەگە يېقىن بولغان ماكپېلادىكى ئېتىزلىقنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ يەر بۇرۇن خىتلاردىن بولغان زوخارنىڭ ئوغلىغا تەۋە ئىدى.
١٠. ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى.
١١. ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بەئەر-لاخايروئى دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى.
١٢. سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە ئىدى.
١٣. تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە نىبايوت، قېدار، ئادبىئېل، مىبسام،
١٤. مىشما، دۇماھ، ماسا،
١٥. خاداد، تەما، يىتۇر، نافىش ۋە قېدىماھ ئىدى.
١٦. ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان يېزا ۋە قىشلاقلارنىڭ ناملىرىمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى.
١٧. ئىسمائىل ١٣٧ يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
١٨. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي خاۋىلا رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.
١٩. تۆۋەندىكىلەر ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.
٢٠. ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى بولۇپ، ئۇلار پاددان-ئاررامدىكى ئارران دېگەن جايدا ياشايتتى.
٢١. رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئىسھاق پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى، رىبەقا ھامىلىدار بولدى.
٢٢. بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىلا بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى. رىبەقا: «نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى.
٢٣. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «سېنىڭ قورسىقىڭدا ئىككى خەلق بار. ئۇلار تۇغۇلۇپلا بىر-بىرىگە رەقىب بولىدۇ. بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ئاۋۋال تۇغۇلغىنى كېيىن تۇغۇلغىنىغا خىزمەت قىلىدۇ.»
٢٤. رىبەقانىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك بالا تۇغدى.
٢٥. ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى.
٢٦. كېيىن تۇغۇلغىنى تۇغۇلغاندا، ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغان ھالەتتە تۇغۇلدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا ئىسھاق ٦٠ ياشقا كىرگەنىدى.
٢٧. ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن ئىنىسى ياقۇپ ھەمىشە ئۆيدە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدىغان جىمغۇر ئادەم ئىدى.
٢٨. ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى، چۈنكى ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى.
٢٩. بىر كۈنى ياقۇپ قىزىل ماش شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئوۋدىن ئېچىرقاپ قايتىپ كەلگەن ئەساۋ
٣٠. ياقۇپقا: _ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قاينىتىۋاتقان ئاۋۇ قىزىل ماش شورپاڭدىن ئىچكىلى قويساڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم [ئىبرانىي تىلىدىكى «قىزىل» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دەپ ئاتالدى.
٣١. ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، _ دېدى.
٣٢. _ بولىدۇ، بولىدۇ! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ _ دېدى ئەساۋ.
٣٣. ياقۇپ ئۇنىڭغا: _ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرگەنلىكىڭگە قەسەم قىل، _ دېدى. ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى.
٣٤. شۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن ماش شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقى ئىدى.
١. ئىبراھىمنىڭ زامانىدا كەنئاندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەردى. ئىسھاق گىرار شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك ياشايتتى.
٢. پەرۋەردىگار ئىسھاققا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن مىسىرغا بارمىغىن، بۇ زېمىندا، يەنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن يەرگە ئولتۇراقلىشىپ،
٣. شۇ يەردە ياشاپ تۇرغىن. شۇنداق قىلساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.
٤. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن ھەمدە ئۇلارغا بۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاتا قىلىمەن. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەختكە ئېرىشىدۇ.
٥. چۈنكى ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.
٦. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى.
٧. ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇلارغا ئايالىنى «سىڭلىم»، دەپ جاۋاب بەردى. چۈنكى ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.
٨. ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋېتىپ، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.
٩. ئۇ ئىسھاقنى چاقىرتىپ: _ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ _ دەپ سورىدى. ئىسھاق جاۋاب بېرىپ: _ باشقىلار ئايالىمنى دەپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتەرمىكىن دەپ ئويلىدىم، _ دېدى.
١٠. ئابىمەلەك ئۇنىڭغا: _ نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ ناۋادا خەلقىم ئىچىدىكى بىرەرسى ئايالىڭغا چېقىلىپ قويغان بولسا، پۈتۈن خەلقىمنى گۇناھقا قويغان بولاتتىڭ ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.
١١. ئاندىن پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: _ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.
١٢. ئىسھاق بىر يىلى يېرىگە ئۇرۇق چاچتى. ئۇ شۇ يىلى يېرىدىن يۈز ھەسسە كۆپ ھوسۇل ئالدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت ئاتا قىلغانىدى.
١٣. ئۇ بارغانچە روناق تېپىپ، كاتتا باي بولۇشقا باشلىدى.
١٤. فىلىستىيەلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى ۋە چاكارلىرى بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى.
١٥. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا چاكارلىرىغا قازدۇرغان قۇدۇقلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.
١٦. كېيىن ئابىمەلەك ئىسھاققا: _ زېمىنىمىزدىن چىقىپ كەت! چۈنكى سەن ھازىر بىزدىن كۈچلۈكسەن، _ دېدى.
١٧. شۇنىڭ بىلەن ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ، بىرمەزگىل تۇردى.
١٨. ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىيەلىكلەر ئۇ قازدۇرغان ھەممە قۇدۇقلارنى تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، ئۇلارنى يەنىلا ئاتىسى قويغان ئىسىملار بىلەن ئاتىدى.
١٩. ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ چىقاردى.
٢٠. بىراق گىرارلىق پادىچىلار بىلەن ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى ماجىرالىشىپ: «بۇ بىزنىڭ قۇدۇقىمىز» دېيىشتى. شۇڭا ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى.
٢١. ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتناھ [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى.
٢٢. ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى.
٢٣. ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى.
٢٤. ئۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن، قورقمىغىن! مەن ساڭا ياردۇرمەن. خىزمەتكارىم ئىبراھىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى.
٢٥. ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەردە چېدىر تىكىپ ئولتۇراقلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردىمۇ بىر قۇدۇق قازدى.
٢٦. پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر بېشى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى.
٢٧. ئىسھاق ئۇلارغا: _ بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ _ دېدى.
٢٨. ئۇلار جاۋابەن: _ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، ئۆزئارا كېلىشىم تۈزەيلى دېيىشتۇق.
٢٩. بىز ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيمىز، سەنمۇ بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بەرگىن. بىز بۇرۇن ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سېنىڭ ئۇ يەردىن ئامان-ئېسەن ئايرىلىشىڭغا يول قويغانىدۇق. شۇڭا سەن بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ بەخت ئاتا قىلىشىغا ئېرىشتىڭ، _ دېدى.
٣٠. ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى.
٣١. ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئۇلار ئىسھاق بىلەن خوشلاشتى، ئىسھاق ئۇلارنى دوستانە ئۇزىتىپ قويدى.
٣٢. ئۇ كۈنى ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ: _ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.
٣٣. ئۇ قۇدۇقنى شىبئاھ [مەنىسى «قەسەم»] دەپ ئاتىدى. شۇنىڭدىن بېرى بۇ شەھەر بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەملەشكەن قۇدۇق»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
٣٤. ئەساۋ قىرىق يېشىدا خىت خەلقىدىن بولغان ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرىنىڭ قىزى يىھۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسمات ئىدى.
٣٥. ئۇلار ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ ئارامىنى بۇزدى.
٦. ئى پەرۋەردىگار، غەزەپلەنگىن، سۈكۈت قىلما، قارشى چىققىن قەھرلىك دۈشمەنلىرىمگە ئى خۇدا، مەن ئۈچۈن ئويغانغىن، ئۇلارنى تارتقىن سوتقا، سەن بېكىتكەن ھۆكۈمنى ئادا قىلغىن ئۇلارغا.
٧. سوت ئاچماق ئۈچۈن ئولتۇرغىن بۈيۈك ئورنۇڭدا، ھەممە خەلقلەر توپلاشسۇن ئەتراپىڭغا.
٨. پەرۋەردىگار سوت ئاچار خەلقلەرگە، ئى پەرۋەردىگار قىلغايسەن ھۆكۈم لايىق ھالدا ھەققانىي، دىيانىتىمگە.
٩. ئۇلۇغلا پەرۋەردىگارنى، ئاتاپ مال-دۇنيايىڭنى، ھەدىيە قىلىپ ئۇنىڭغا ھوسۇلۇڭنىڭ باش بۇرنىنى.
١٠. شۇندا تولۇپ تاشار ئامبارلىرىڭ ئاشلىققا، شاراب ئىدىشلىرىڭ يېڭى شارابقا.
١٨. ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ بىر مەسئۇلى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى، سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، - دېدى.
١٩. ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى.
٢٠. يولدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلىدى.
٢١. ئۇ ئىچىدە «ھەزرىتى ئەيسانىڭ چاپىنىنى تۇتساملا، چوقۇم ساقىيىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىغانىدى.
٢٢. ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ: - قىزىم، خاتىرجەم بول، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! - دېيىشىگىلا، ھېلىقى ئايال ساقىيىپ كەتتى.
٢٣. ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، نەي چېلىۋاتقان ۋە ھازا تۇتۇپ يىغلاۋاتقان ئادەملەر توپىنى كۆرۈپ،
٢٤. ئۇلارغا: - چىقىپ كېتىڭلار، بۇ قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ، - دېدى. بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى.
٢٥. كىشىلەر چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا قىز ياتقان ئۆيگە كىرىپ، ئۇنىڭ قولىدىن تارتتى. قىز ئورنىدىن تۇردى.
٢٦. بۇ خەۋەر پۈتۈن ئەتراپقا تارقالدى.
٢٧. ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىۋاتقاندا، ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ كەينىدىن كېلىپ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! - دەپ ۋارقىراپ كەتتى.
٢٨. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، ھېلىقى ئىككى قارىغۇ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - سىلەر مېنىڭ سىلەرنى ساقايتىشقا قادىر ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەمسىلەر؟ - دەپ سورىدى. - ئى رەببىم، ئىشىنىمىز، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
٢٩. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىگە قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: - ئىشەنگىنىڭلاردەك بولسۇن! - دېيىشىگىلا،
٣٠. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار! - دەپ قاتتىق تاپىلىدى.
٣١. لېكىن، ئۇلار ئۇ يەردىن چىقىپلا، بۇ ئىشنى ئەتراپقا يېيىۋەتتى.
٣٢. ئۇلار چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، جىن چاپلاشقان بىر گاچا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.
٣٣. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىننى قوغلىشى بىلەنلا، ھېلىقى ئادەم زۇۋانغا كەلدى. خالايىق ھەيران بولۇپ: - بۇنداق ئىش ئىسرائىلىيىدە زادى كۆرۈلۈپ باقمىغان، - دېيىشتى.
٣٤. لېكىن، پەرىسىيلەر: - ئۇ جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقىغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن، - دېيىشتى.
٣٥. ھەزرىتى ئەيسا پۈتۈن شەھەر، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ، ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
٣٦. ئۇ توپ-توپ ئادەملەرنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتتى، چۈنكى ئۇلار قويچىسىز قوي پادىلىرىدەك پاناھسىز بىچارىلەر ئىدى.
٣٧. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شاگىرتلىرىغا: - قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن.
٣٨. ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار، - دېدى.
Uyghur Arabic Bible 2005
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti