|
|
| ١. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئىسرائىل خەلقىنى بالا ۋاقتىدا سۆيدۈم. ئوغلۇمنى مىسىردىن مەن چاقىردىم. |
| ٢. مەن خەلقىمنى قانچە چاقىرغانچە، ئۇلار مەندىن شۇنچە يىراقلاشتى. بائالغا قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارغا كۈجە كۆيدۈردى. |
| ٣. ئىسرائىلىيەگە مېڭىشنى ئۆگەتكىنى مەن ئىدىم. مەن ئۇلارنىڭ قولىنى تۇتۇپ يېتەكلىدىم. ئۇلار شىپالىق بەرگەنلىكىمنى بىلمىدى. |
| ٤. مەن ئۇلارنى مېھرىبانلىق ئارغامچىسى ۋە مۇھەببەت يىپى بىلەن يېتەكلىدىم. ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى بوشىتىپ، ئۇلارغا غىزا بېرىش ئۈچۈن ئېگىلدىم. |
| ٥. لېكىن ئۇلار مىسىرغا قايتۇرۇلىدۇ، ئاسسۇر ئۇلارنى باشقۇرىدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يولۇمغا قايتىشنى رەت قىلدى. |
| ٦. قىلىچ ئۇلارنىڭ شەھىرىگە باستۇرۇپ كېلىدۇ ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇلار يامان نىيەتلىرى سەۋەبىدىن بەربات بولىدۇ. |
| ٧. خەلقىم دائىم مەندىن يۈز ئۆرۈيدۇ. گەرچە ئۇلار مېنى ئۇلۇغ خۇدا دەپ چاقىرسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرمەيمەن. |
| ٨. ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر. |
| ٩. مەن سېنى قەھر-غەزىپىم بىلەن جازالىمايمەن ھەم سېنى ۋەيران قىلىشنى قايتا ئويلىمايمەن. چۈنكى مەن ئىنسان ئەمەس، خۇدادۇرمەن، ئاراڭلاردىكى مۇقەددەس خۇدادۇرمەن. مەن غەزەپ بىلەن كەلمەيمەن. |
| ١٠. بىر كۈنى خەلقىم ماڭا ئەگىشىدۇ، مەن شىردەك ھۆركىرەيمەن. ھۆركىرىگىنىمدە، پەرزەنتلىرىم غەرب تەرەپتىن تىترىگەن ھالدا كېلىشىدۇ. |
| ١١. ئۇلار خۇددى مىسىردىن قۇشقاچلاردەك، ئاسسۇردىن كەپتەرلەردەك تىترىگەن ھالدا قايتىپ كېلىشىدۇ. مەن ئۇلارنى ماكانلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.» |
|
|
| ١. ئىسرائىلىيە خەلقى شامالنى ئوزۇق قىلار، كۈن بويى شەرق شامىلىنى قوغلاپ يۈرەر. ئۇلارنىڭ يالغانچىلىق ۋە زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە. ئۇلار ئاسسۇر بىلەن ئىتتىپاق تۈزىدۇ، مىسىرغا زەيتۇن يېغى ئەۋەتىدۇ. |
| ٢. پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى ئەيىبلەيدۇ، ياقۇپنى تۇتقان يولىغا لايىق، قىلمىشلىرىغا مۇۋاپىق جازالايدۇ. |
| ٣. ياقۇپ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئاكىسىنىڭ تاپىنىنى تۇتۇۋالغانىدى، كېيىن ئۇ چوڭ بولۇپ، خۇدا بىلەن چېلىشتى. |
| ٤. ئۇ پەرىشتە بىلەن چېلىشىپ، ئۇنىڭدىن ئۈستۈن كەلدى. كېيىن ئۇ يىغلاپ، پەرىشتىدىن بەخت تىلىدى. ئۇ بەيتەلدە خۇدا بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ يەردە خۇدا ھەممىمىز بىلەن پاراڭلاشتى. |
| ٥. پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك سەردار خۇدادۇر، ئۇنىڭ نامى «ياھۋەھ»تۇر. |
| ٦. شۇڭا سىلەر خۇدايىڭلارنىڭ يولىغا قايتىڭلار، مېھىر-مۇھەببەتلىك ۋە ئادالەتلىك بولۇڭلار، ھەمىشە خۇدادىن ئۈمىد كۈتۈڭلار. |
| ٧. ئىسرائىلىيە خەلقى سەمىمىيەتسىز سودىگەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار قولىدىكى ساختا تارازا بىلەن باشقىلارنى ئالداشنى ياخشى كۆرىدۇ. |
| ٨. ئۇلار ماختىنىپ: «بىز باي بولدۇق، ئۆزىمىزگە تايىنىپ باي بولدۇق، ھېچكىم بىزدىن خاتالىق ياكى گۇناھ تاپالمايدۇ» دەيدۇ. |
| ٩. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «لېكىن مىسىردىكى ۋاقتىڭلاردىن بۇيان، مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىدىم. سىلەر بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا چېدىردا تۇرغىنىڭلاردەك، مەن سىلەرنى يەنە چېدىردا تۇرغۇزىمەن. |
| ١٠. مەن سىلەرگە پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق نۇرغۇن غايىبانە ئالامەتلەرنى كۆرسەتتىم ۋە تەمسىللەرنى سۆزلىدىم.» |
| ١١. گىلئادلىقلار گۇناھقا پاتمىدىمۇ؟ ئۇلار ھەقىقەتەن يارامسىز خەلقتۇر. ئادەملەر گىلگالدا بۇقىلارنى قۇربانلىق قىلمىدىمۇ؟ لېكىن ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋەيران قىلىنىپ، ئېتىز قىرىدىكى تاش دۆۋىلىرىگە ئوخشاپ قالىدۇ. |
| ١٢. ياقۇپ ئاررام رايونىغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ يەردە ئۇ ئۆيلىنىش ئۈچۈن بىرسىگە خىزمەتكار بولدى، خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن قوي باقتى. |
| ١٣. پەرۋەردىگار پەيغەمبەر ئەۋەتىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن باشلاپ چىقتى ھەم شۇ پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى قوغدىدى. |
| ١٤. لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى پەرۋەردىگارنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلاردىن قانغا قان ئالىدۇ، خورلۇقنى خورلۇق بىلەن قايتۇرىدۇ. |
|
|
| ١٧. شۇنچە قەدىرلىكتۇر مەن ھەققىدىكى ئويلىرىڭ، ئى خۇدا، ئۇلارنىڭ ھېچبىر سانى يوقتۇر ئەسلا. |
| ١٨. سانىماق بولسام ئۇلارنى قۇمدىنمۇ كۆپتۇر ھەتتا، ئەتىگەندە ئويغانغىنىمدا مەن ھەققىدە ئويلايسەن يەنىلا. |
| ١٩. ئى خۇدا، جۇدا قىلغىن رەزىللەرنى جېنىدىن، ئەي قانخورلار، يىراق قېچىڭلار مېنىڭدىن. |
| ٢٠. كۇپۇرلۇق سۆزلەر سەن ھەققىدە، ئى خۇدا، دۈشمەنلىرىڭ نامىڭنى قالايمىقان ئېلىپ تىلغا. |
| ٢١. ئى پەرۋەردىگار، ساڭا ئۆچ بولغانلارغا ئۆچ بولماسمەنمۇ؟ ساڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن يىرگەنمەسمەنمۇ؟ |
| ٢٢. ئۇلارغا ئۆچ بولىمەن چىش-تىرنىقىمغىچە، ئۇلارنى دۈشمەن ھېسابلايمەن ئۆزۈمگە. |
| ٢٣. كۆرگىن قەلبىمنى، ئى خۇدا، بىلگىن مېنى، سىناپ كۆر مېنى، بىلگىن ئوي-خىياللىرىمنى. |
| ٢٤. باققىن بىرەر يامانلىق بارمۇ-يوق مەندە، مەڭگۈلۈك يولۇڭدا مېنى يېتەكلە. |
|
|
| ٢٢. تېرىككەك جېدەل-ماجىرا قوزغاپ تۇرار، مىجەزى ئىتتىك كىشىنىڭ گۇناھلىرى كۆپ بولار. |
|
|
| ١. ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى، ياقۇپنىڭ ئىنىسى مەنكى يەھۇدادىن، خۇدائاتىمىز تەرىپىدىن چاقىرىلغان، ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن، ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قوغداپ قېلىنغانلارغا سالام. |
| ٢. خۇدا سىلەرگە ھەسسىلەپ رەھىمدىللىك، ئامانلىق ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلغاي! |
| ٣. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، مەن ئەسلى سىلەرگە ھەممىمىز بەھرىمەن بولۇۋاتقان قۇتقۇزۇلۇش توغرىسىدا يېزىشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. بىراق، ھازىر بۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، بۇ خەتنى يېزىش كېرەكلىكىمنى ھېس قىلدىم. خۇدا بۇ ئۆزگەرمەس ھەقىقەتنى بىر يولىلا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئامانەت قىلغان. |
| ٤. بۇ خەتنى چوقۇم يېزىشىم كېرەك، چۈنكى خۇدا يولىدا ماڭمىغان بەزى كىشىلەر ئاراڭلارغا سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلىۋەرسەكمۇ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن كەچۈرۈلىمىز، دېگەندەك تەلىملەرنى بېرىپ، بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە رەببىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنى رەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ سوراققا تارتىلىشى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا بۇرۇنلا پۈتۈلگەن. |
| ٥. بۇرۇن رەببىمىز ئۆز خەلقى بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلەرنى كېيىن ھالاك قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن خەۋىرىڭلار بولسىمۇ، مەن ئۇنى يەنىلا ئېسىڭلارغا سېلىشنى توغرا تاپتىم. |
| ٦. يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ئۆز ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى خالىماي، ئۆز ئورۇنلىرىنى تاشلاپ كەتكەن پەرىشتىلەرنى رەببىمىز ئۇلۇغ قىيامەت كۈنىنىڭ سورىقىغىچە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان كىشەنلەر بىلەن كىشەنلەپ قاراڭغۇلۇققا تاشلىدى. |
| ٧. سودوم، گومورا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ يادىڭلاردىن چىقارماڭلار. ئۇلار خۇددى خۇداغا بويسۇنمىغان پەرىشتىلەرگە ئوخشاش، خۇداغا بويسۇنماي، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە غەيرىي شەھۋانىيلىقلارغا بېرىلىپ كېتىپ، ئاخىرى ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن. بۇ خەلقلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئوتتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىگە ئىبرەت قىلىندى. |
| ٨. ئاراڭلارغا كىرىۋالغان بۇ ئادەملەر «خۇدادىن ۋەھىي كەلدى» دەپ، بۇزۇقلۇق قىلىپ، شۇ تەرىقىدە ئۆز تەنلىرىنى بۇلغىماقتا. ئۇلار خۇدانىڭ ھوقۇقىغا پىسەنت قىلماي، ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا. |
| ٩. ھەتتا باش پەرىشتە مىكائىلمۇ مۇسانىڭ جەسىتى توغرىسىدا شەيتان بىلەن تالاش-تارتىش قىلغاندا، ئۇنى ھاقارەتلىك سۆزلەر بىلەن ئەيىبلەشكە پېتىنالمىغان، پەقەت «سېنى پەرۋەردىگار ئەيىبلىسۇن» دەپلا قويغان. |
| ١٠. لېكىن، بۇ كىشىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇلار ئەقىلسىز ھايۋانلاردەك، ئۆز تەبىئىتىنىڭ ئىنكاسى بويىچە ياشاپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنى ھالاك قىلىدۇ. |
| ١١. بۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، ئۇلار ئۆز ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلنىڭ يولى بىلەن ماڭدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، بىلئامغا ئوخشاش ھەرقانداق يامان ئىشنى قىلدى. كوراھ خۇداغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ھالاك بولغاندەك، ئۇلارمۇ ئاخىر ھالاك بولىدۇ. |
| ١٢. دوستانە زىياپەتلىرىڭلاردا تارتىنماي، سىلەر بىلەن رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان بۇ كىشىلەر سىلەرگە داغ كەلتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆز نەپسىنىلا ئويلاپ، شامال ھەيدىگەن يامغۇرسىز بۇلۇتلاردەك بولۇپ، پۈتۈنلەي قۇرۇپ كېتىپ، يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلانغان كەچ كۈزنىڭ مېۋىسىز دەرەخلىرىگە ئوخشايدۇ. |
| ١٣. خۇددى دېڭىزنىڭ دەھشەتلىك دولقۇنلىرى مەينەتچىلىكنى قىرغاققا ئۇرۇپ چىقارغاندەك، ئۇلار ئۆز بۇزۇقچىلىقىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. ئۇلار خۇددى ئېقىپ چۈشكەن يۇلتۇزلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھازىرلاپ قويۇلغان قاپقاراڭغۇلۇققا يۈزلىنىدۇ. |
| ١٤. ئادەم~ئاتىنىڭ يەتتىنچى ئەۋلادى بولغان ھانۇخ بۇ كىشىلەر توغرىسىدا مۇنداق دەپ ئالدىن ئېيتقان: «قاراڭلار، رەببىمىز تۈمەنمىڭلىغان مۇقەددەس پەرىشتىلىرى بىلەن كەلمەكتە. |
| ١٥. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانلارنى سوراق قىلىپ، ئۇنىڭ يولىدا ماڭمىغان ھەربىر ئىنساننىڭ خۇداغا قارشى ھالدا قىلغان يامانلىقلىرى، شۇنداقلا بۇ گۇناھكارلارنىڭ رەببىمىزگە قارشى قىلغان بارلىق كۇپۇرلۇقلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالايدۇ.» |
| ١٦. بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ. |
| ١٧. قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ ئالدىن ئېيتقان سۆزلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. |
| ١٨. ئۇلار سىلەرگە: «ئاخىر زاماندا، گۇناھقا پاتقان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىپ، خۇدانى مازاق قىلىدىغانلار چىقىدۇ» دېگەنىدى. |
| ١٩. ئۇلار ئاراڭلارغا بۆلگۈنچىلىك سالىدىغان، ئۆز تەبىئىتى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان، قەلبىدە مۇقەددەس روھ بولمىغان كىشىلەردۇر. |
| ٢٠. لېكىن سىلەر، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئۆزۈڭلارنى ئىنتايىن مۇقەددەس بولغان ئېتىقادىڭلارنىڭ ئۇلى ئۈستىدە ئۆسۈپ يېتىلدۈرۈڭلار ۋە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ دۇئا قىلىڭلار. |
| ٢١. رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ رەھىمدىللىك بىلەن سىلەرگە بېرىدىغان مەڭگۈلۈك ھاياتىنى كۈتۈپ، خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ئىچىدە ياشاڭلار. |
| ٢٢. ئېتىقادىدا تەۋرىنىۋاتقانلارغا رەھىم قىلىڭلار. |
| ٢٣. بەزى كىشىلەرنى خۇددى ئوتتىن قۇتۇلدۇرغاندەك، خۇدانىڭ جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭلار. يەنە بەزىلەرگە رەھىم قىلىڭلار. بىراق، سىلەر خۇددى بىر ئادەمنىڭ بۇلغانغان كىيىمىدىن يىرگەنگەندەك، ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرىدىن ھەم يىرگىنىڭلار. |
| ٢٤. ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! |
| ٢٥. |
|
|
| Uyghur Arabic Bible 2005 |
| Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti |