بىر يىلدا ئىنجىل مارت ١٧چۆلدە ٣١:١-٥٤١. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:٢. _ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن.٣. مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى: _ ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز.٤. ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مىڭدىن ئادەم چىقىرىشى كېرەك.٥. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى مىڭدىن ئادەم چىقاردى. ئۇلار جەمئىي ١٢ مىڭ ئادەمنى قوراللاندۇردى.٦. مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى.٧. ئۇلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمر بويىچە مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىديانلارنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى ئۆلتۈردى.٨. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.٩. ئىسرائىللار مىديانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، پۈتۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى.١٠. ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ،١١. ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى.١٢. ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى.١٣. مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.١٤. لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ،١٥. مۇنداق دېدى: _ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟١٦. دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟١٧. ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار.١٨. لېكىن ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلاپ قالساڭلار بولىدۇ.١٩. ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن.٢٠. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن.٢١. روھانىي ئەلئازار جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرگە مۇنداق دېدى: _ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان قانۇندۇر:٢٢. ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق٢٣. ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك.٢٤. يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر. ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ.٢٥. پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:٢٦. _ سەن، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئەسىرلەرنىڭ ۋە ئولجا ئېلىنغان چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار.٢٧. ئاندىن بۇلارنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر قىسمىنى جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى خەلققە تەقسىملەپ بېرىڭلار.٢٨. لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ،٢٩. روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار.٣٠. خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.٣١. مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلدى.٣٢. جەڭدە لەشكەرلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە ٦٧٥,٠٠٠ قوي،٣٣. ٧٢,٠٠٠ كالا،٣٤. ٦١,٠٠٠ ئېشەك،٣٥. ٣٢,٠٠٠ ئىپپەتلىك قىز بار ئىدى.٣٦. جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە بۇ ئولجىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەقسىم قىلىندى: ٣٣٧,٥٠٠ قوي،٣٧. بۇلاردىن ٦٧٥ تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛٣٨. ٣٦,٠٠٠ كالا، بۇلاردىن ٧٢ تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛٣٩. ٣٠,٥٠٠ ئېشەك، بۇلاردىن ٦١ تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛٤٠. ١٦,٠٠٠ ئىپپەتلىك قىز، بۇلاردىن ٣٢ نەپىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالدى.٤١. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئولجىلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قىسمىنى روھانىي ئەلئازارغا بەردى.٤٢. مۇسا جەڭدىن ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئىسرائىل خەلقىگە تېگىشلىك بولغان قىسمىنى ئۇلارغا بەردى.٤٣. بۇلار ٣٣٧,٥٠٠ قوي،٤٤. ٣٦,٠٠٠ كالا،٤٥. ٣٠,٥٠٠ ئېشەك،٤٦. ١٦,٠٠٠ ئىپپەتلىك قىز ئىدى.٤٧. مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلقنىڭ ئولجىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنغان ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى.٤٨. قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىرى قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ.٤٩. ٥٠. ئەمدى بىز ھەربىرىمىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، بىلەكنىڭ تۆۋىنى ۋە يۇقىرىسىغا تاقايدىغان بىلەزۈكلەر، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى.٥١. مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.٥٢. مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرغان ئالتۇنلار ٢٠٠ كىلو ئىدى.٥٣. لەشكەرلەر ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئولجىلىرىنى ساقلاپ قالدى.٥٤. ئىسرائىل خەلقىنى پەرۋەردىگارىمىز دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى.چۆلدە ٣٢:١-٤٢١. رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،٢. مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:٣. _ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق٤. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار.٥. ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر.٦. مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەجەبا سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟٧. سىلەر نېمىشقا ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىسىلەر؟٨. ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.٩. ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.١٠. ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى:١١. «مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى.١٢. پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»١٣. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ھېسابلانغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى.١٤. ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!١٥. ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پۈتۈن خەلق ۋەيران بولىدۇ.١٦. ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ مۇنداق دېدى: _ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان، ئۆزىمىزگە شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى.١٧. ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى.١٨. باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز.١٩. لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.٢٠. مۇسا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار.٢١. پۈتۈن قوشۇنۇڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقاتقۇچە،٢٢. پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.٢٣. ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.٢٤. سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان ياساڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.٢٥. گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.٢٦. ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ.٢٧. خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.٢٨. شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:٢٩. _ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.٣٠. ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالمىسا، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، ئۇلارغا بۇ تەرەپتىن زېمىن بېرىلمىسۇن، ئۇلار چوقۇم باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى جەڭ قىلىپ ئېلىشى كېرەك.٣١. گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر ئىككىنچى قېتىم يەنە مۇنداق دېدى: _ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش تۇتىمىز.٣٢. بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن بىز قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز.٣٣. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.٣٤. گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر،٣٥. ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا،٣٦. بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن بىنا قىلدى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى ياسىدى.٣٧. رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم،٣٨. نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.٣٩. ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقارغانىدى.٤٠. مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.٤١. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شەھەرلەرگە «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ نام قويدى.٤٢. نوباخ ئىسىملىك كىشى قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ شەھەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن «نوباخ» دەپ ئاتىدى.زەبۇر ٣٥:١-٨١. ئى پەرۋەردىگار، قارشى چىققىن ماڭا قارشى چىققانلارغا، ئۇرۇش قىلغىن ماڭا قارشى ئۇرۇش قىلغانلارغا.٢. قالقانلىرىڭنى ئېلىپ قولۇڭغا، ياردەم قىلغىن كېلىپ يېنىمغا.٣. ئايپالتا ۋە نەيزەڭ بىلەن توسۇۋالغىن مېنى قوغلاپ كەلگەنلەرنى، «مەن سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ» دەپ ماڭا، رىغبەتلەندۈر روھىمنى.٤. جېنىمنى ئالماق بولغانلار، شەرمەندە بولغاي، رەسۋا بولۇپ. ماڭا سۇيىقەست قىلىۋاتقانلار، يانسۇن كەينىگە، قارا يۈز بولۇپ.٥. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئۇلارنى يىراق قوغلىۋەتكەي، ئۇلار گويا شامالدا ئۇچقان ساماندەك توزۇپ كەتكەي.٦. قوغلىۋەتكەي ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، قاراڭغۇ ھەم تېيىلغاق بولغاي ئۇلارنىڭ ماڭغان يوللىرى.٧. ئۇلار ماڭا تۇزاق قۇرۇپ سەۋەبسىزلا، ئالماق بولدى جېنىمنى كولاپ ئورا.٨. تۇيۇقسىز بالا كەلگەي ئۇلارنىڭ باشلىرىغا، يۆگىشىپ قالسۇن ئۆزلىرى قۇرغان تورىغا، ھالاك بولسۇن چۈشۈپ ئۆزلىرى كولىغان ئورىغا.پەند-نەسىھەتلەر ١٢:١-١١. تەربىيىنى سۆيگەن بىلىمنى سۆيگۈچىدۇر. تەنبىھنى ئۆچ كۆرگەن ھاماقەتتۇر.ماركۇس ١٤:٥٥-٧٢٥٥. ئالىي روھانىيلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى.٥٦. بىرمۇنچە يالغان گۇۋاھچىلار ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، ئىسپاتلىرى بىر-بىرىگە ماسلاشمايتتى.٥٧. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ:٥٨. - بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، - دېدى.٥٩. لېكىن، بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلارمۇ بىر-بىرىگە ماسلاشمىدى.٦٠. ئاندىن، باش روھانىي ئورنىدىن تۇرۇپ، جامائەتنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيساغا: - قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلارنىڭ سېنىڭ ئۈستۈڭدىن بەرگەن گۇۋاھلىقلىرىغا نېمە دەيسەن؟ - دېدى.٦١. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش روھانىي يەنە ئۇنىڭدىن: - مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغان خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ سەنمۇ؟ - دەپ سورىدى.٦٢. - ھەئە، مەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، - سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۆكتىكى بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر.٦٣. بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.٦٤. سىلەر ئۇنىڭ كۇپۇرلۇقلىرىنى ئاڭلىدىڭلار. ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ - دېدى. ئۇلار بىردەك ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى تېگىشلىك دەپ ھۆكۈم قىلىشتى.٦٥. بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ، مۇشت ئېتىپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى.٦٦. پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ،٦٧. ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ: - سەنمۇ ناسىرەلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، - دېدى.٦٨. پېترۇس بۇنى ئىنكار قىلىپ: - سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، - دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسنادا، خوراز چىللىدى.٦٩. ئۇنىڭ تاشقىرىدا تۇرغانلىقىنى كۆرگەن ھېلىقى دېدەك ئۇ يەردە تۇرغانلارغا يەنە: - بۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ، - دېدى.٧٠. پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: - شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن سېنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دېيىشتى.٧١. پېترۇس قەسەم قىلىپ: - سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى.٧٢. دەل شۇ چاغدا، خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee