بىر يىلدا ئىنجىل مارت ٢٤قانۇننىڭ تەكرارى ٩:١-٢٩١. _ ئەي ئىسرائىللار، قۇلاق سېلىڭلار! يېقىندا سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان ئەللەرنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىسىلەر. ئۇلار سېپىللىرى بۇلۇتقا تاقاشقان چوڭ شەھەرلەردە ياشايدۇ.٢. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك ۋە بويلىرى ئېگىز بولغان ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ باردۇر. سىلەر ئۇلارنى بىلىسىلەر ھەم «ئاناقلارغا كىم قارشى تۇرالايدۇ؟» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئاڭلىغان.٣. لېكىن بۈگۈن بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئالدىڭلاردا خۇددى دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك مېڭىپ، ئۇلارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە ھالاك قىلىدۇ. سىلەر ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، تېزلا يوقىتىسىلەر. بۇ ئىشلار خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك بولىدۇ.٤. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇ ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، سىلەر ئۆزۈڭلارچە «بىز ھەققانىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، پەرۋەردىگار بىزنى بۇ زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كەلدى» دەپ ئويلىماڭلار. ئەمەلىيەتتە، ئۇ يەردىكى ئەللەر رەزىل بولغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقاردى.٥. سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئىش-ئەمەللىرىڭلارنىڭ ھەققانىي، دۇرۇس بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ رەزىل بولغانلىقى سەۋەبىدىندۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلىۋېتىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەجدادلىرىڭلار بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بەرگەن ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى سەۋەبىدىندۇر.٦. بىلىشىڭلار كېرەككى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئۇ گۈزەل زېمىننى مۈلۈك قىلىپ بېرىشى، سىلەرنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئەمەستۇر. ئەمەلىيەتتە سىلەر جاھىل خەلقسىلەر.٧. _ خەلقىمىزنىڭ چۆللۈكتە پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ قانداق ئاچچىقىنى كەلتۈرگەنلىكىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، ئۇنى ئۇنتۇپ قالماڭلار. خەلق مىسىردىن چىققان كۈندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.٨. سىناي تېغىدا خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئاچچىقىنى شۇنداق كەلتۈردىكى، ئۇ خەلقنى ھالاك قىلماقچى بولدى.٩. مەن تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ خەلق بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى يېزىلغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چىقتىم. تاغ ئۈستىدە ٤٠ كېچە-كۈندۈز تۇردۇم، نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم.١٠. پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پارچە ئەھدە تېشىنى بەردى. تاش تاختىلارنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۈنى خەلق تاغ ئېتىكىگە يىغىلغاندا، خۇدا تاغدىكى ئوت ئىچىدە تۇرۇپ خەلققە ئېيتقان سۆزلىرى يېزىلغانىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنى تاش تاختىلارغا ئۆز بارمىقى بىلەن ئويغانىدى.١١. قىرىق كېچە-كۈندۈزدىن كېيىن پەرۋەردىگار ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى ماڭا بەردى.١٢. ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «تېزدىن تاغدىن چۈشكىن، سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان بۇ خەلق تاپتىن چىقتى. ئۇلار شۇنچە تېزلا مەن ئەمر قىلغان يولدىن چىقىپ، ئۆزلىرىگە بۇت ياسىۋالدى!» دېدى.١٣. پەرۋەردىگار ماڭا: «مەن بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقىنى كۆرۈپ يەتتىم.١٤. مېنى توسما، مەن ئۇلارنى ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن نامىنى يوقىتاي. مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن» دېدى.١٥. مەن ئەھدە يېزىلغان ئىككى پارچە تاش تاختىنى قولۇمدا ئېلىپ، تاغدىن قايتىپ چۈشتۈم. تاغدا تېخىچىلا ئوت يالقۇنلاپ تۇراتتى.١٦. كۆردۈمكى، خەلق پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئالدىدا ئېغىر گۇناھ قىلىپ، موزاي بۇت ياساپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپتۇ. ئۇ ئەمر قىلغان يولدىن شۇنچە تېز چەتنەپتۇ.١٧. شۇنىڭ بىلەن مەن قولۇمدىكى ئاشۇ ئىككى پارچە تاش تاختىنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇرۇپ چېقىۋەتتىم.١٨. مەن يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم، چۈنكى خەلقىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار يىرگىنىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.١٩. پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى يوقاتماقچى بولغانلىقىدىن قورقتۇم. لېكىن پەرۋەردىگار يەنە بىر قېتىم مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى ئاڭلىدى.٢٠. پەرۋەردىگار ھارۇنغا شۇنچىلىك غەزەپلەندىكى، ھەتتا ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. مەن يەنىلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتۈندۈم.٢١. سىلەر موزاي بۇت ياساپ گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتتىم. ئاندىن ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىپ، تاغدىن ئېقىپ چۈشكەن ئېرىققا چېچىۋەتتىم.٢٢. خەلقىمىز تابئېرا، ماسساھ ۋە قىبروت-ھاتتائاۋادىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.٢٣. پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى.٢٤. مەن سىلەرنى تونۇغاندىن بېرى، سىلەرمۇ داۋاملىق پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار.٢٥. پەرۋەردىگار سىلەرنى ھالاك قىلىمەن دېگەچكە، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ،٢٦. ئۇنىڭدىن ئۆتۈندۈم: «ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ھالاك قىلمىغىن! ئۇلار سېنىڭ مۈلكۈڭدۈر، سەن ئۇلارنى ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن قۇتقۇزدۇڭ، قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.٢٧. سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ياد ئېيتىپ، بۇ خەلقنىڭ جاھىللىقى، رەزىللىكى ۋە گۇناھلىرىغا نەزەر سالمىغىن.٢٨. مىسىرلىقلار: ‹ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ۋەدە قىلغان زېمىنىغا ئېلىپ بارالماپتۇ. ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئۇلارنى ئۆچ كۆرگەچكە، ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چۆلگە ئېلىپ بېرىپتۇ!› دېمىسۇن.٢٩. ئۇلار نېمىلا بولسۇن، سېنىڭ خەلقىڭ، سېنىڭ مۈلكۈڭ، ئۇلارنى يۈكسەك كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ھەممىگە قادىر قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ.»قانۇننىڭ تەكرارى ١٠:١-٢٢١. _ ئەينى چاغدا پەرۋەردىگار ماڭا: «ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلىغىن، ئۇلار ئالدىنقىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن. بىر ياغاچ ساندۇق ياسىغىن، ئاندىن تاغقا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن.٢. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاش تاختىغا قايتىدىن يازاي. سەن ئۇلارنى ياغاچ ساندۇقتا ساقلىغىن.» دېدى.٣. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ساندۇق ياسىدىم ھەم ئالدىنقىسىغا ئوخشاش قىلىپ ئىككى پارچە تاش تاختا تەييارلاپ، تاغقا ئېلىپ چىقتىم.٤. ئىلگىرى خەلقىمىز تاغ ئېتىكىدە جەم بولغاندا، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدىن سىلەرگە ئون پەرزنى بەرگەنىدى. ئۇ، بۇ پەرزلەرنى ئىككى پارچە تاش تاختىغا قايتىدىن يېزىپ، ماڭا بەردى.٥. مەن تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە تاش تاختىلارنى ئۆزۈم ياسىغان ساندۇققا سالدىم. تاش تاختىلار ھازىرمۇ ساندۇقنىڭ ئىچىدە تۇرۇپتۇ.٦. (ئىسرائىل خەلقى يائاقانلارنىڭ قۇدۇقلىرى دېگەن يەردىن يولغا چىقىپ، موسېراغا كەلدى. ھارۇن شۇ يەردە ۋاپات بولدى، ئۇ شۇ يەرگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئەلئازار ئۇنىڭ ئورنىغا روھانىي بولدى.٧. خەلق ئۇ يەردىن يۈرۈپ، گۇدگوداغا باردى، ئاندىن ئېرىقلاردا سۇلار ئېقىپ تۇرغان يوتباتاغا كەلدى.٨. خەلق تاغدا بولغان ۋاقىتتا پەرۋەردىگار لاۋىيلارنى تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈشكە ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى لاۋىيلار پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ نامى بىلەن خەلققە بەخت تىلەپ كەلمەكتە. بۇ قائىدە ھازىرغىچە ئۆزگەرگىنى يوق.٩. شۇڭا ھەرقايسى قەبىلىلەر ئارىسىدا پەقەت لاۋىيلارنىڭ تەقسىملەپ بېرىلگەن زېمىنى يوقتۇر. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارغا ئېيتقىنىدەك، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر.)١٠. مەن ئالدىنقىسىغا ئوخشاش، تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم. پەرۋەردىگار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى بۇ قېتىممۇ ئاڭلاپ، سىلەرنى ھالاك قىلمايدىغان بولدى.١١. پەرۋەردىگار ماڭا، «ئورنۇڭدىن تۇرغىن! خەلقنى باشلاپ ماڭغىن! مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاتا قىلىشقا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە بېرىڭلار» دېدى.١٢. ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمدى سىلەردىن ئۆزىدىن ئەيمىنىشىڭلارنى، ئۆزىنىڭ يولىدا مېڭىشىڭلارنى، ئۆزىنى سۆيۈشۈڭلارنى، پۈتۈن قەلبىڭلار ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىڭلارنى،١٣. ئۆزىنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىشىڭلارنى كۈتىدۇ. سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن مەن بۈگۈن بۇ ئەمر-پەرمانلارنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم.١٤. قاراڭلار، ئاسمان-زېمىن، ھەتتا ئەرشئەلادىكى بارلىق مەۋجۇدات پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا مەنسۇپتۇر.١٥. لېكىن پەرۋەردىگار ئەجدادلىرىڭلارغا ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەرنى پۈتكۈل ئەللەر ئىچىدىن تاللىدى. ئەھۋال مانا بۈگۈن سىلەر كۆرۈپ تۇرغاندەكتۇر.١٦. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاكلاڭلار، بۇنىڭدىن كېيىن جاھىللىق قىلماڭلار.١٧. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، رەبلەرنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۇلۇغ خۇدادۇر، ھەممىگە قادىردۇر ھەم ھەيۋەتلىكتۇر. ئۇ ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ، پارا ئالمايدۇ.١٨. پەرۋەردىگار تۇل ئايال، يېتىملەرگە ئادالەتلىكتۇر، ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگە كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى يېمەكلىككە، كىيىمگە ئىگە قىلىدۇ.١٩. شۇڭا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەرگە كۆيۈنۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ باققان.٢٠. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار، پەقەت ئۇنىڭ نامى بىلەنلا قەسەم قىلىڭلار.٢١. مەدھىيە پەقەت پەرۋەردىگارغا خاستۇر، ئۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلاردۇر. ئۇنىڭ سىلەر ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ ۋە ئاجايىپ ئىشلىرىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.٢٢. بۇرۇن ئەجدادلىرىڭلار مىسىرغا بارغاندا، پەقەت يەتمىش ئادەم ئىدى. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ھازىر سىلەرنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلدى.زەبۇر ٣٧:١٢-١٧١٢. رەزىللەر قەست قىلىدۇ ھەققانىيلارغا، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۆچ بولۇپ ئۇلارغا.١٣. ئەمما ئىگىمىز مەسخىرە قىلار رەزىللەرنى، چۈنكى، ئۇ بىلەر ئۇلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى.١٤. يىقىتىش ئۈچۈن بىچارە، موھتاجلارنى، رەزىللەر تارتتى ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى. قىرىش ئۈچۈن دۇرۇس يولدا ماڭغانلارنى، غىلىپىدىن سۇغاردى قىلىچىنى.١٥. ئاخىرى ئۇلارنىڭ سۇندۇرۇلۇپ يالىرى، ئۆز يۈرەكلىرىگە سانجىلىدۇ قىلىچلىرى.١٦. قولىدىكى ئاز دۇنيامۇ ھەققانىي ئادەملەرنىڭ، ئەۋزەلدۇر نۇرغۇن بايلىقلىرىدىن رەزىللەرنىڭ.١٧. سۇندۇرۇلىدۇ رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى، پەرۋەردىگار يۆلەپ تۇرار ھەققانىيلارنى.پەند-نەسىھەتلەر ١٢:١١-١١١١. يېرىگە ئىشلىگەننىڭ قورسىقى توق. قۇرۇق خىيال سۈرگەننىڭ ئەقلى يوق.لۇقا ١:٥٧-٨٠٥٧. ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.٥٨. خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.٥٩. بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.٦٠. بىراق، ئانىسى: - ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، - دېدى.٦١. - بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! - دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.٦٢. ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.٦٣. زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى.٦٤. دەل شۇ چاغدا، زەكەرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى.٦٥. كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى.٦٦. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.٦٧. ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:٦٨. «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.٦٩. ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك، بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.٧٠. ٧١. ٧٢. ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ، مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.٧٣. ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: ˜مەن ئەۋلادلىرىڭنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىمەن، ۋە ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئۆز ئالدىمدا، ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن، دۈشمەنلىرىدىن قورقماي، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان قىلىمەنŒ دەپ قەسەم بەرگەن.٧٤. ٧٥. ٧٦. ساڭا كەلسەك، ئەي بالام، سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن. رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.٧٧. ئۇنىڭ خەلقىگە: ˜گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!Œ دەپ ئۇقتۇرىسەن.٧٨. چۈنكى، خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر، ئۇ ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلەر بىزگە. ئۇ نۇرىنى چاچار، قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا، باشلار بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا.»٧٩. ٨٠. يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee