بىر يىلدا ئىنجىل ئاپرېل ٢١سەردارلار ٧:١-٢٥١. شۇنىڭ بىلەن يېرۇببائال، يەنى گىدئون سەھەر تۇرۇپ ئۆزىگە قوشۇلغان ھەممە قوشۇنلىرى بىلەن خارود بۇلىقىنىڭ يېنىغا كېلىپ چېدىرلىرىنى تىكتى. مىديانلارنىڭ بارگاھى ئۇلارنىڭ شىمال تەرىپىدىكى جىلغا ئىچىدە، يەنى مورەھ تۆپىلىكىنىڭ يېنىدا ئىدى.٢. پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ساڭا قوشۇلغان ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىكەن، ئەگەر مەن ئىسرائىللارنى مىديانلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرسام، ئۇلار ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ غەلىبە قىلدۇق، دەپ ئويلاپ ماختىنىدۇ.٣. سەن ئۇلارغا: «دۈشمەندىن قورقۇپ تىترىگەنلەر دەرھال گىلئاد تېغىدىن ئۆيلىرىگە قايتسۇن» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ٢٢ مىڭ كىشى قايتىپ كېتىپ، ١٠ مىڭ كىشى قېلىپ قالدى.٤. پەرۋەردىگار گىدئونغا يەنە: _ قېلىپ قالغان كىشىلەر يەنىلا كۆپ، ئۇلارنى سۇ بويىغا ئېلىپ بار، مەن ئۇ يەردە ئۇلارنى سىنايمەن. ئەگەر مەن: «بۇ ئادەم بارسۇن» دېسەم، ئۇ بارسۇن، مەن: «بۇ ئادەم بارمىسۇن» دېسەم، ئۇ بارمىسۇن، _ دېدى.٥. گىدئون ئۆزىگە قوشۇلغان كىشىلەرنى سۇ بويىغا ئېلىپ باردى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا: _ سەن سۇنى قولىغا ئېلىپ، ئىتقا ئوخشاش تىلى بىلەن يالاپ ئىچىدىغانلار بىلەن سۇنى تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئىڭىشىپ ئىچىدىغانلارنى ئايرىپ چىق، _ دېدى.٦. ٣٠٠ ئادەم سۇنى قولىغا ئېلىپ، يالاپ ئىچتى. قالغانلىرى سۇنى تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئىڭىشىپ ئىچتى.٧. پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ مەن سۇنى قولىغا ئېلىپ يالاپ ئىچكەن ئاشۇ ٣٠٠ ئادەم بىلەن سىلەرنى قۇتقۇزۇپ، مىديانلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىمەن. قالغانلارنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەتسۇن، _ دېدى.٨. گىدئون ٣٠٠ ئادەمنى ئېلىپ قېلىپ، باشقىلارنى ئۆز چېدىرلىرىغا كەتكۈزۈۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن تاللانغان ئادەملەر كەتكەنلەرنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك ۋە چالىدىغان بۇرغىلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېلىپ قالدى. مىديانلارنىڭ بارگاھى پەستىكى جىلغىغا جايلاشقانىدى.٩. شۇ كېچىسى پەرۋەردىگار گىدئونغا: _ ئورنۇڭدىن تۇر! مىديانلارنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىل. مەن ئۇلارنى سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈرۈپ بېرىمەن.١٠. ئەگەر سەن ھۇجۇم قىلىشتىن قورقساڭ، ئاۋۋال پۇراھ ئىسىملىك چاكىرىڭ بىلەن مىديانلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ،١١. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىساڭ، ھۇجۇم قىلىش غەيرىتىگە كېلىسەن، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون چاكىرىنى ئېلىپ، دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا باردى.١٢. مىديانلار، ئامالەكلەر ۋە شەرقتىكى خەلقلەر جىلغىنى بىر ئالغان بولۇپ، خۇددى بىر توپ چېكەتكىدەك كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز ئىدى.١٣. گىدئون بارگاھقا يېقىن كېلىپ، بىر كىشىنىڭ ئۆز ھەمراھىغا كۆرگەن چۈشىنى ئېيتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ كىشى: _ مەن بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بىر ئارپا نېنى بىز مىديانلارنىڭ بارگاھىغا دومىلاپ كىرىپ، چېدىرغا تېگىپ كېتىشى بىلەن تەڭ چېدىر ئۆرۈلۈپ چۈشۈپتۇدەك، _ دېيىشى بىلەن،١٤. ئۇنىڭ ھەمراھى: _ ئۇ باشقا نەرسە ئەمەس، ئىسرائىللاردىن بولغان يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئوننىڭ قىلىچى! خۇدا مىديانلارنى ۋە پۈتۈن قوشۇنىمىزنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگۈدەك، _ دېدى.١٥. گىدئون بۇ چۈشنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئاڭلىغان ھامان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئېيتتى. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ بارگاھىغا قايتىپ كېلىپ، ئادەملىرىگە: _ تۇرۇڭلار! پەرۋەردىگار مىديانلارنىڭ قوشۇنىنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ! _ دېدى.١٦. گىدئون قول ئاستىدىكى ٣٠٠ ئادەمنى ئۈچ توپقا بۆلۈپ، ھەربىر ئادەمگە بىر بۇرغا بىلەن ئىچىگە مەشئەل قويۇلغان بىر كوزا بېرىپ،١٧. ئۇلارغا: _ مەن دۈشمەن بارگاھىنىڭ يېنىغا بارغاندا، مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ تۇرۇڭلار. مەن نېمە قىلسام، سىلەرمۇ شۇنى قىلىڭلار.١٨. مەن ۋە مېنىڭ توپۇمدىكىلەر بۇرغا چالغاندا، سىلەرمۇ بارگاھ ئەتراپىدا بۇرغا چېلىڭلار ۋە «پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن!» دەپ ۋارقىراڭلار، _ دېدى.١٩. گىدئون ۋە ئۇنىڭ ١٠٠ ئادىمى تۈن يېرىم بولۇشتىن ئىلگىرى مىديانلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئالماشقاندىن كېيىن بارگاھنىڭ يېنىغا يېتىپ باردى. ئۇلار بۇرغا چېلىپ قوللىرىدىكى كوزىلارنى چېقىۋەتتى،٢٠. شۇنداق قىلىپ ئۈچ توپنىڭ ھەممىسى شۇنداق قىلىشتى. ئۇلار سول قولىدا مەشئەل تۇتۇپ، ئوڭ قولىدا بۇرغا چېلىپ: _ پەرۋەردىگار ئۈچۈن، گىدئون ئۈچۈن قىلىچنى كۆتۈرەيلى! _ دەپ ۋارقىراشتى.٢١. ئۇلار بارگاھنىڭ ئەتراپىدا ئۆز ئورۇنلىرىدا مەھكەم تۇردى. دۈشمەن قوشۇنى پاتىپاراق بولۇپ، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ قاچقىلى تۇردى.٢٢. گىدئوننىڭ ٣٠٠ ئادىمى بۇرغا چالغاندا، پەرۋەردىگار دۈشمەن قوشۇنىنى ئۆزئارا بىر-بىرىنى قىرغىنچىلىققا سېلىپ قويغانىدى. ئۇلار زىرېرا تەرەپكە قاراپ، تاكى بەيت-شىتتاھ ۋە تاببات شەھىرى يېنىدىكى ئابېل-مىخولا چېگراسىغىچە قېچىشتى.٢٣. نافتالى، ئاشېر ۋە پۈتۈن ماناسسەدىكى ئىسرائىللار قوزغۇلۇپ مىديانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا چاقىرىلدى.٢٤. گىدئون ئەفرايىم تاغلىق رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: _ سىلەرمۇ مىديانلارغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىڭلار، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىگىلەپ، مىديانلارنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى توپلىنىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى تاكى بەيت-باراھ شەھىرىگىچە ئىگىلىدى.٢٥. ئۇلار مىديانلارنىڭ ئورېب بىلەن زىئېب دېگەن ئىككى سەركەردىسىنى ئەسىرگە ئالدى. ئۇلار ئورېبنى تاش ئۈستىدە ئۆلتۈردى، بۇ تاش كېيىن «ئورېب قورام تېشى» دەپ ئاتالدى. زىئېبنى ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدە ئۆلتۈردى. بۇ كۆلچەك كېيىن «زىئېب ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكى» دەپ ئاتالدى. ئۇلار مىديانلارنى داۋاملىق قوغلاپ، ئورېب بىلەن زىئېبنىڭ كاللىسىنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا تۇرغان گىدئونغا ئېلىپ باردى.سەردارلار ٨:١-٣٥١. ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەر گىدئونغا: _ سەن بىزگە نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ سەن مىديانلارغا قارشى جەڭگە چىققاندا، نېمىشقا بىزنى چاقىرمايسەن؟ _ دەپ گىدئوننى قاتتىق ئەيىبلىدى.٢. گىدئون ئۇلارغا: _ مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىم قانداقمۇ سىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىڭلارغا تەڭ كەلسۇن؟ ئەفرايىم زېمىنىدىكى ھوسۇلۇڭلاردىن ئېشىپ قالغان ئۈزۈملەر جەمەتىم بولغان ئابىئەزەرلەرنىڭ بىر يىللىق ھوسۇلىدىنمۇ كۆپقۇ؟٣. خۇدا ئاللىقاچان سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا مىديانلارنىڭ ئىككى سەركەردىسى ئورېب بىلەن زىئېبنى چۈشۈرۈپ بەردى. مېنىڭ قىلغانلىرىمنى قانداقمۇ سىلەرنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ _ دېدى. گىدئوننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان ئەفرايىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقلىرى يېنىشتى.٤. گىدئون ٣٠٠ ئادەم بىلەن ئىئوردان دەرياسىدىن كېسىپ ئۆتتى. ئۇلار ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، دۈشمەننى داۋاملىق قوغلاپ زەربە بەردى.٥. ئۇلار سۇككوت شەھىرىگە كەلگەندە، گىدئون شەھەردىكىلەرگە: _ ئادەملىرىمگە نان بەرسەڭلار، ئۇلار بەك چارچاپ كەتتى. بىز يەنە مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قوغلاپ تۇتۇشىمىز كېرەك، _ دېدى.٦. سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى گىدئونغا: _ سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟ _ دېدى.٧. گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇنداقتا پەرۋەردىگار زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولۇمغا چۈشۈرۈپ بەرگەندىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن تېرەڭلارنى شىلىمەن، _ دېدى.٨. گىدئون سۇككوتتىن چىقىپ، پىنۇئېل شەھىرىگە كېلىپ، ئۇلاردىنمۇ نان تەلەپ قىلدى. بىراق ئۇلارمۇ سۇككوتلارغا ئوخشاش جاۋاب بەردى.٩. گىدئون ئۇلارغىمۇ: _ مەن نۇسرەت قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندە، شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىۋېتىمەن، _ دېدى.١٠. شۇ ۋاقىتتا زەباخ بىلەن زالمۇننا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى قارقور دېگەن جايدا ئىدى. ئۇلارنىڭ سانى تەخمىنەن ١٥ مىڭ بولۇپ، ھەممىسى شەرقتىكى خەلقلەرنىڭ قېلىپ قالغان لەشكەرلىرى ئىدى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ١٢٠ مىڭ قىلىچلىق لەشكىرى ئۆلگەنىدى.١١. دۈشمەن قوشۇنى ئۆزىنى بىخەتەر دەپ ھېس قىلىپ تۇرغاندا، گىدئون نوباخ ۋە يوگبوھا شەھەرلىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كارۋان يولىدىن چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى.١٢. مىديانلارنىڭ ئىككى شاھى بولغان زەباخ بىلەن زالمۇننا قاچتى. گىدئون ئۇلارنى قوغلاپ قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن قوشۇنىنى تارمار قىلدى.١٣. ئاندىن يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون جەڭ مەيدانىدىن خەرەس داۋىنى ئارقىلىق قايتىپ كەلدى.١٤. يولدا ئۇ سۇككوت شەھىرىلىك بىر يىگىتنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭدىن سۇككوتنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بېرىشكە بۇيرۇدى. ئۇ يىگىت ٧٧ ئادەمنىڭ ئىسمىنى يېزىپ بەردى.١٥. گىدئون سۇككوتقا كېلىپ بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىلىرىگە: _ مانا زەباخ بىلەن زالمۇننا! سىلەر ماڭا: «سەن تېخى زەباخ بىلەن زالمۇننانى قولغا چۈشۈرمىگەن تۇرساڭ، بىز نېمىشقا سېنىڭ ھالىدىن كەتكەن ئادەملىرىڭگە نان بەرگۈدەكمىز؟» دەپ مەسخىرە قىلغانىدىڭلار، _ دېدى.١٦. ئۇ شەھەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى تۇتۇپ كېلىپ، چۆلدىكى تىكەن ۋە يانتاق بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىسىنى شىلدى.١٧. ئۇ يەنە پىنۇئېل شەھەر قەلئەسىنى ۋەيران قىلىپ، شەھەر ئاھالىسىنى قىرىپ تاشلىدى.١٨. گىدئون زەباخ بىلەن زالمۇننادىن: _ سىلەر تابور تېغىدا ئۆلتۈرگەن ئادەملەر قانداق ئادەملەر ئىدى؟ _ دەپ سورىدى. ئۇلار جاۋابەن: _ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساڭا ئوخشايدىغان شاھزادە سۈپەت ئادەملەر ئىدى، _ دېدى.١٩. گىدئون ئۇلارغا: _ ئۇلار مېنىڭ قېرىنداشلىرىم، ئانامنىڭ ئوغۇللىرى ئىدى. مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر سىلەر ئۇلارنى ھايات قالدۇرغان بولساڭلار، مەنمۇ سىلەرنى ھايات قالدۇرغان بولاتتىم، _ دېدى.٢٠. ئاندىن ئۇ چوڭ ئوغلى يەتەرگە: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەت!» دەپ بۇيرۇدى. لېكىن يەتەر تېخى كىچىك بولغاچقا، قورقۇپ كېتىپ قىلىچىنى چىقىرالمىدى.٢١. زەباخ بىلەن زالمۇننا گىدئونغا: _ سەن ھەقىقىي ئەركەك بولساڭ، ئۆزۈڭ بىزنى ئۆلتۈر! _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن گىدئون ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋەتتى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۆگىلىرىنىڭ بوينىدىكى ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلىرىنى ئېلىۋالدى.٢٢. ئاندىن ئىسرائىللار گىدئونغا: _ سەن بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلغايسەن، ئوغلۇڭدىن تارتىپ نەۋرەڭگىچە ئۈستىمىزدىن ھۆكۈم سۈرگەي. چۈنكى سەن بىزنى مىديانلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزدۇڭ، _ دېدى.٢٣. گىدئون ئۇلارغا: _ مەن ھۆكۈمرانلىق قىلمايمەن، مېنىڭ ئوغلۇممۇ ھەم شۇنداق، پەرۋەردىگار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، _ دېدى.٢٤. گىدئون ئۇلارغا يەنە: _ مەن سىلەردىن پەقەت بىر نەرسە تەلەپ قىلىمەن. ماڭا ھەربىرىڭلار ئالغان ئولجاڭلاردىن بىردىن ئالتۇن ھالقا بېرىڭلار، _ دېدى. (مىديانلار ئىسمائىللاردىن بولغاچقا، ئۇلار ئالتۇن ھالقا تاقايتتى.)٢٥. ئۇلار گىدئونغا: _ بىز بېرىشكە رازى! _ دېدى-دە، توندىن بىرنى يەرگە يېيىپ، ھەربىرى بىردىن ئالتۇن ھالقىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تاشلاشتى.٢٦. بۇ ئالتۇن ھالقىلارنىڭ ئېغىرلىقى ٢٠ كىلو چىقتى. ئۇنىڭدىن باشقا ھىلال ئاي شەكلىدىكى بېزەكلەر، زۇننارلار، مىديان شاھلىرى كىيىدىغان سۆسۈن رەڭلىك كىيىملەر ۋە تۆگىلەرنىڭ بوينىدىكى بېزەكلىك زەنجىرلەرمۇ بار ئىدى.٢٧. گىدئون بۇ ئالتۇنلاردىن روھانىيلىق پەرتۇقىنى ياسىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتى ئوفراھقا تىكلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرتۇققا چوقۇندى. شۇنىڭ بىلەن پەرتۇق گىدئون ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنى ئازدۇرىدىغان قىلتاق بولدى.٢٨. شۇنداق قىلىپ مىديانلار ئىسرائىللار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، جەڭ قىلىش ئىرادىسى سۇندۇرۇلدى. بۇ زېمىن گىدئون ئالەمدىن ئۆتكىچە بولغان ٤٠ يىل ئىچىدە تىنچ-ئامان بولدى.٢٩. يوئاشنىڭ ئوغلى يېرۇببائال، يەنى گىدئون يۇرتىغا قايتىپ، ئۆز ئۆيىدە تۇردى.٣٠. ئۇنىڭ خوتۇنلىرى كۆپ بولغاچقا، ئۇلاردىن ٧٠ ئوغۇل تاپتى.٣١. ئۇنىڭ شەكەم شەھىرىدە تۇرىدىغان توقىلىمۇ ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. گىدئون ئۇنىڭغا ئابىمەلەك دەپ ئىسىم قويدى.٣٢. يوئاشنىڭ ئوغلى گىدئون ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئۆز ئەجىلى بىلەن ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئابىئەزەرلەرگە تەۋە بولغان ئوفراھتا، ئۆز ئاتىسى يوئاشنىڭ قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.٣٣. گىدئون ئالەمدىن ئۆتۈشى بىلەنلا ئىسرائىللار يەنە پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بائالغا چوقۇندى. ئۇلار بائال-بىرىتنى ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھى قىلدى.٣٤. ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى ئەتراپىدىكى بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغان پەرۋەردىگار خۇدانى ئۇنتۇدى،٣٥. گەرچە يېرۇببائال، يەنى گىدئون ئىسرائىللارغا نۇرغۇن ياخشىلىق قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قىلچىمۇ مېھرىبانلىق قىلمىدى.زەبۇر ٤٩:١٠-٢٠١٠. بىلىمىز دانىشمەنلەرنىڭ ئۆلۈم شەربىتى ئىچىدىغانلىقىنى، نادان ۋە ئەخمەقلەرنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدىغانلىقىنى. ئۇلار ھامان قالدۇرۇپ كېتەر باشقىلارغا مال-مۈلكىنى.١١. گەر نام قىلىپ بەرسىمۇ ئىسىملىرىنى يەرلىرىگە، ئۇلارنىڭ قەبرىلىرى ئۆيلىرى بولۇپ قالار مەڭگۈگە. تۇرالغۇسىدۇر شۇ قەبرىلەر دەۋردىن-دەۋرگىچە.١٢. بايلىقى بولسىمۇ مەڭگۈ ياشاۋەرمەس ئىنسان، ھايۋانغا ئوخشاش بىر كۈنى ئۆلۈپ تۈگەيدۇ ھامان.١٣. مۇشۇنداق بولار ئاقىۋىتى ئۆزىگە ئىشەنگەن ئەخمەقلەرنىڭ، ئۇلارغا ئەگىشىپ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلارنىڭ.١٤. پادىچى بولۇپ ئۆلۈم ئۇلارغا، ھەيدەر ئۇلارنى قوي كەبى ئۆلۈكلەر ماكانىغا. جەسەتلىرى چىرىپ كېتەر گۆر ئىچىدە، ھەشەمەتلىك ئۆيلىرىمۇ قالار يىراقتا. ھەققانىيلار غەلىبە كۈنى كەلگەندە ھۆكۈم سۈرەر ئۇلارنىڭ ئۈستىدە.١٥. لېكىن خۇدا ئۆز يېنىغا تارتار مېنى، گۆر ئازابىدىن خالاس قىلىپ جېنىمنى.١٦. بىسەرەمجان بولما بىرەرسى بېيىپ كەتسە، ئائىلىسىنىڭ مال ۋە مۈلكى كۆپەيسە.١٧. ھېچنېمىسىنى ئېلىپ كېتەلمەس ئۇ ئۆلگەندە، بىللە بولماس مال ۋە مۈلكى قەبرىسىدە.١٨. بەختلىك ھېس قىلسىمۇ ئۇ ئۆزىنى ھايات چېغىدا، كىشىلەر ماختىسىمۇ ئۇ روناق تاپقىنىدا،١٩. كېتەر ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا، چىقالماس مەڭگۈ ئۇلار يورۇقلۇققا.٢٠. چۈشەنمەس بايلىقى بار ئىنسانلار بۇنى، ھايۋانغا ئوخشاش ئۆلىدىغانلىقىنى بىر كۈنى.پەند-نەسىھەتلەر ١٤:٢٢-٢٤٢٢. بەرھەق، يامان نىيەتلىك يولدىن ئادىشار، ياخشى نىيەتلىك مۇھەببەت ۋە سادىقلىقنى تاپار.٢٣. كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا، قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا.٢٤. ئاقىلنىڭ ئېرىشكەن بايلىقى ئۇنىڭ شۆھرەت تاجىدۇر، نادانلىقىدىن ئەخمەققە پەقەت نادانلىق قالۇر.لۇقا ١٥:١١-٣٢١١. ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن.١٢. كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئاتا، ماڭا تېگىشلىك مىراسلارنى ھازىرلا بەرگەيسىز» دەپتۇ. ئاتىسى مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپتۇ.١٣. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.١٤. ئۇنىڭ پۇلى تۈگەپ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، دەل ئۇ يەردىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ.١٥. شۇڭا، ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ.١٦. ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.١٧. كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟١٨. ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ˜ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن.١٩. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىققا قوبۇل قىلغايسىز!Œ دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ.٢٠. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ. ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ.٢١. ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ.٢٢. بىراق، ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلار.٢٣. ئاندىن، راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى!٢٤. چۈنكى، ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ.٢٥. بۇ چاغدا، چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، نەغمە-ناۋا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ.٢٦. ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ.٢٧. چاكار: «ئىنىڭىز قايتىپ كەلدى، دادىڭىز ئۇنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بوردالغان تورپاقنى سويدى» دەپتۇ.٢٨. بىراق، چوڭ ئوغلى ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرىشنى خالىماپتۇ. ئاتىسى چىقىپ ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ.٢٩. لېكىن، ئۇ ئاتىسىغا: «قاراڭ سىزنى، مەن سىزگە شۇنچە يىل قۇلدەك ئىشلەپ كەلدىم، بۇيرۇقلىرىڭىزغا خىلاپلىق قىلمىدىم، سىز ماڭا نېمە بەردىڭىز؟ ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن بىرەر قېتىم ئويناپ-كۈلۈشكە بىرەر ئوغلاقمۇ سويۇپ بەرگىنىڭىز يوققۇ!٣٠. لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ.٣١. «ئەي ئوغلۇم، سەن دائىم مېنىڭ يېنىمدا. مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكى.٣٢. لېكىن، سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا. ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى Copyright © 2010 Mukeddes Kalam - Uyghur Bible Translation Committee