بۇ تېمىدا ئىنجىل ئايەتلىرى

تېما
خۇدا
ياخشى خاراكتېر
ناچار خاراكتېر
گۇناھلار
ھايات
چېركاۋ
سىرلار
پەرىشتىلەر ۋە جىنلار
ماتېماتىكا ئالامەتلىرى
قوشۇمچە
خۇدا: [بەخت]
باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.
قايغۇرغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا ئۇلارغا تەسەللى بېرىدۇ.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ.
خۇدا بىزگە بەخت ئاتا قىلغاي، بارچە ئىنسان ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغاي.
[٢٤] ‹پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي ۋە سىلەرنى قوغدىغاي! [٢٥] پەرۋەردىگار سىلەرگە دىدارىنىڭ نۇرىنى چاچقاي ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەي!
[٦] ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. [٧] شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ.
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، ھەركىم ئاڭلاشتا زېرەك بولسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، ئاسان غەزەپلەنمىسۇن.
[٧] لېكىن ماڭا ئىشەنگەن، ئىشەنچىنى ماڭا باغلىغانلار بەخت تاپىدۇ. [٨] ئۇلار خۇددى دەريا بويلىرىغا تىكىلىپ، يىلتىزلىرى سۇنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يەتكەن دەرەخلەرگە ئوخشايدۇ. بۇ دەرەخلەر ئىسسىقتىن قورقمايدۇ، ئۇلارنىڭ يوپۇرماقلىرى دائىم بۈك-باراقسان تۇرىدۇ. ئۇلار قۇرغاقچىلىقتىن ئەنسىرىمەيدۇ، مېۋە بېرىشتىن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ.
قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە. ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار. مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن. مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.
ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق.
[١٦] _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى يالغۇز ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، [١٧] ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىلدىكى قۇملاردەك كۆپ قىلىمەن. ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىگىلەيدۇ.
[٢٨] خۇدا ئاسماندىن ساڭا شەبنەم چۈشۈرۈپ، تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي. ئۇ ساڭا مول ئاشلىق، شارابلارنى ئاتا قىلغاي. [٢٩] باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي، خەلقلەر ساڭا تەزىم قىلغاي. قېرىنداشلىرىڭغا خوجا بولغايسەن. ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي. ساڭا لەنەت ئوقۇغانلار لەنەتكە قالغاي، ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەختلىك بولغاي.»
[١] نەقەدەر بەختلىك ھە! يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى، مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى. [٢] پەرۋەردىگارنىڭ تەلىملىرىدىن سۆيۈنچ تاپىدۇ ئۇلار، كېچە-كۈندۈز شۇ تەلىملەر ھەققىدە پىكىر قىلار. [٣] ئۇ گويا دەرەختۇر تىكىلگەن ئېرىق بويىغا، ئۆز پەسلىدە مېۋىلەرنى بېرىپ تۇرار. سولاشماس ئەسلا يوپۇرماقلىرى، ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولار.
[١] قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى، كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى. [٢] يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا، باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا. [٣] ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا، شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا. [٤] ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن، ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن، ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.
[٣] ماڭا پاناھ بولىدىغان قورام تېشىم، باشپاناھىم، قالقىنىم، يېڭىلمەس قۇتقۇزغۇچىم خۇدايىمدۇر. ئۇ ئازاد قىلغۇچىم، زوراۋانلىقتىن ساقلىغۇچىمدۇر. [٤] ئىلتىجا قىلسام مەدھىيەلەر ئىگىسى پەرۋەردىگارغا، دۈشمەنلىرىم قوللىرىدىن قۇتقۇزۇلارمەن شۇندىلا.
خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشىنىڭ گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھ بۇنداق كىشىنى قوغداپ قالىدۇ. شۇڭا، شەيتانمۇ ئۇنىڭغا تېگەلمەيدۇ.
يۈرسەممۇ گەر كۈلپەتلەردە مەن، ئۆزۈڭ مېنى روھلاندۇرىسەن. توسۇپ سەن دۈشمەنلىرىم غەزىپىنى، قۇتقۇزىسەن ئوڭ قولۇڭ بىلەن مېنى.
خۇدا سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرۇشقا قادىردۇر. شۇنداق بولغاچقا، ھەر دائىم، ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئېھتىياجىڭلار قاندۇرۇلۇپ، باشقىلارغا خەير-ساخاۋەتلىك بولالايسىلەر.
شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ.
Uyghur Arabic Bible 2005
Uyghurche Muqeddes Kitab Jemiyiti